جۇڭگو ۋەكىلى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 56-نۆۋەتلىك يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇق مەيدانىنى بايان قىلدى

人民网 2024年06月20日 13:57

      6-ئاينىڭ 19-كۈنى، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش باشقارمىسى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، باش ئەلچى چېن شۈ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 56-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمىنىڭ يىللىق دوكلاتىنىڭ ئۆزئارا سۆزلىشىش ھالقىسىدا سۆز قىلىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى ۋە تەشەببۇسىنى بايان قىلدى.

      چېن شۈ مۇنداق بىلدۈردى: تىنچلىق، تەرەققىيات، كىشىلىك ھوقۇق زىچ باغلانغان، خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىيات بولمىسا، كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش مەنبەسىز سۇ، يىلتىزسىز دەرەخ بولۇپ قالىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا توقۇنۇش ۋە قارشىلىشىش ئۇزاققا سوزۇلۇپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى قايتا باش كۆتۈرۈپ، تەرەققىيات يولىدىكى ھاڭ چوڭقۇرلىشىپ، دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىش خىرىسقا دۇچ كەلدى. مۇشۇنداق شارائىتتا، ھەرقايسى تەرەپلەر ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى تېخىمۇ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىپ، دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەۋپسىزلىك ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداپ، تەرەققىيات ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تىنچلىق ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇقتىن ئادىل بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

      چېن شۈ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش داۋامىدا ھەر مىللەت خەلقى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىن باراۋەر ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتتى. جۇڭگو دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمى خىزمىتىنى قوللاپ، دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قاراپ چىقىشى ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن سەمىمىي ۋە ئىجابىي سۆزلىشىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگونى ھەرقانداق يالغان ئۇچۇر بىلەن ئەيىبلەشنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر ئۆتۈش ئاساسىدا، ھەرقايسى دۆلەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس ئىش بېجىرىش ئورنى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

      مەنبە: خەلق تورى

      مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ