ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشنى بازارغا سېلىشى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا خەلقىنىڭ تىنچلىق ئارزۇسىغا خىلاپ

人民网

      ___ ھىندونېزىيەلىك تەتقىقاتچى ۋىرونىكا ساراسۋاتنى زىيارەت

2024.05.07 21:28 مەنبە: خەلق تورى

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندونېزىيە ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋىرونىكا ساراسۋات يېقىندا جاكارتادا مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىپ، ئۇرۇشنى بازارغا سېلىشى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا خەلقىنىڭ تېنچ، مۇقىملىققا ئىنتىلىش ئارزۇسىغا خىلاپ، دېدى.
      سىنگاپور يۈسۈف ئىسھاق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقات يۇرتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەتقىقات مەركىزى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋەزىيىتى دوكلاتى: 2024»نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «ئامېرىكا دۇنيا تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى، گۈللىنىشى ۋە تۈزەش جەھەتتە توغرا ئىش قىلالىدىمۇ؟» دەپ سورالغاندا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ «ئازدۇر-كۆپتۇر بار ياكى پۈتۈنلەي ئىشەنچ يوق» دېگەننى تاللاش نىسبىتى 2023-يىلىدىكى %26.1دىن ئېشىپ %37.6گە يەتكەن؛ «ئامېرىكىنىڭ ئىستىراتىگىيەلىك ھەمراھ ۋە رايون بىخەتەرلىكى بىلەن تەمىنلىگۈچىگە ئايلىنىشىغا ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟» دەپ سورالغاندا، «پەقەت ئازراق بار ياكى پۈتۈنلەي ئىشەنچىم يوق» دېگەننى تاللىغان زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ نىسبىتى 2023-يىلىدىكى %32تىن %40.1كە يەتكەن.
      ساراسۋات مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىراق، ئافغانىستان، سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خەلقلەر ئامېرىكا بازارغا سالغان ئۇرۇشنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىدى، ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشخۇمارلىق تارىخى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا خەلقىگە ئامېرىكىنىڭ دۇنيادا داۋالغۇش پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى تونۇتتى.
      ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەردە توقۇنۇش، قارىمۇقارشىلىق پەيدا قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇرۇشنى بازارغا سالدى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مەنپەئەت گۇرۇھلىرى ئۇرۇش مەزگىلىدە قورال-ياراق سېتىش، ئۇرۇشتىن كېيىن «قايتا قۇرۇش»قا قاتنىشىش ئارقىلىق شەخسىي مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، زور دەرىجىدە بايلىق توپلىدى.
      ساراسۋات مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئامېرىكا ئۆزىنى «كىشىلىك ھوقۇق ماياكى» دەۋالغان بولسىمۇ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ۋە رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان پوزىتسىيەدە بولدى. ئامېرىكىنىڭ ئۆز مەيدانىنى تاللىشىدىكى چىقىش نۇقتىسى ھەرگىزمۇ ئۆزى دەۋالغان دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەمەس بەلكى مەنپەئەت. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا خەلقى ئامېرىكىنىڭ قوش ئۆلچىمى ۋە ساختا ماھىيىتىنى بارغانسېرى تونۇپ يەتتى.
      ساراسۋات مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا ئامېرىكا فىلىپپىنغا «تەيفېڭ» ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇپ، رايون بىخەتەرلىكى جىددىي ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا خەلقى ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش ئوتىنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا باشلاپ كىرىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا خەلقىنىڭ تىنچلىق ئىستىقبالىنى ۋەيران قىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
      ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا خەلقى تىنچلىقنى سۆيىدۇ، تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئامېرىكا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەت ئەمەس، بۇ رايون ئىشلىرىغا قول تىقماسلىقى كېرەك.
      ساراسۋات مۇنداق دەپ قارىدى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن نۇرغۇن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا خەلقىنىڭ تۇرمۇشى كۈنسېرى ياخشىلاندى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا خەلقىنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى توقۇنۇش ئوتى ئەمەس بەلكى تىنچ تەرەققىيات.
      كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
      مەنبە: خەلق تورى

      مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ