مۇھىم خەۋەرلەر
- شى جىنپىڭ كونگو(بىراززاۋىل) زۇڭتۇڭى ساسسۇ بى…[2024年02月23日08:48]
- يەر مۇھىم ئامىلىنىڭ ئەۋزەللىككە ئىگە رايونلا…[2024年02月20日11:13]
- لى چياڭ گوۋۇيۈەننىڭ 3-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن…[2024年02月19日11:01]
- شى جىنپىڭ تېلېگرامما يوللاپ سىتۇبنىڭ فىنلاند…[2024年02月18日16:36]
- شى جىنپىڭ 37 - نۆۋەتلىك ئافرىقا ئىتتىپاقى با…[2024年02月18日09:51]
- تېخىمۇ ياخشى ھالدا قۇتۇپنى تونۇپ، قۇتۇپنى قو…[2024年02月08日08:40]
- جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت…[2024年02月08日08:38]
- خەن جېڭ شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئەزاسى…[2024年02月07日13:11]
- دىڭ شۆشياڭ نورۋېگىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى ئەيد…[2024年02月07日13:10]
- لى چياڭ ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبى « مۇز يارغۇ…[2024年02月07日13:09]
2024-يىللىق CBA پۈتۈن چولپانلار ھەپتە ئاخىرى پۈتۈن سەپ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى
2024.02.26 18:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسى (CBA) 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 2024-يىللىق CBA پۈتۈن چولپانلارنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى پۈتۈن سەپ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، ھەر قايسى سەپتىكى توپ چولپانلىرى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن شەھىرى فېڭخۇاڭ تەنتەربىيە سارىيىدا توپ مەستانىلىرىگە بىر مەيدان «ۋاسكېتبول كاتتا زىياپىتى» ئېلىپ كېلىدۇ.
جەنۇبىي، شىمالىي رايون چولپانلار كوماندىسى كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتا بولۇپ، خۇ مىڭشۈەن، جوۋ چى (گۇاڭدۇڭ)؛ سۈن مىڭخۇي، خۇ جىنچيۇ (گۇاڭشا)؛ سۈي يوڭشى (لوڭشى) جەنۇبىي رايون چولپانلار كوماندىسىدا تۇنجى بولۇپ مەيدانغا چىقىدۇ. زاپاس سەپتە خې شىنىڭ، شېن زىجيې (شېنجېن)؛ ۋاڭ جېلىن (شاڭخەي)؛ چېڭ شۈەيپېڭ، ۋۇچيەن (جېجياڭ)؛ لىن ۋېي (توڭشى)؛ شۈ جيې (گۇاڭدۇڭ) قاتارلىقلار بار.
شىمالىي رايون چولپانلار كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىدىن جاۋ رۈي، ئابدۇسالام (شىنجاڭ)؛ ياڭ خەنسېن (چىڭداۋ)؛ جاڭ جېنلىن، جاۋ جىۋېي (لياۋنىڭ) قاتارلىقلار بار. زاپاس ماھىرلاردىن جاڭ نىڭ (سەنشى)، زوۋ يۈچېن (بېيكۇڭ)، زېڭ فەنبو (بېيجىڭ)، جياڭ ۋېيزې (جىلىن)، چى لىن (شىنجاڭ)، ۋاڭ رۈيزې (چىڭداۋ)، جىڭ خەنيى (سىچۈەن) قاتارلىقلار بار.
شىڭرۈي رىقابەت مۇسابىقىسى جەھەتتە، ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئوينىلىدۇ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا CBA شىڭرۈي 2-يىللىقتىكىلەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىرلەشمە كوماندىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ، CBA شىڭرۈي 1-يىللىقتىكىلەر چىڭخۇا داشۆ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ، بېيكۇڭ كوماندىسىدىكى CBAنىڭ ئەلىيۇلئەلا ماھىرى چېن گوخاۋ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىرلەشمە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىقىدۇ.
ماھارەت مۇسابىقىسى، ئۈچ نومۇرلۇق توپ مۇسابىقىسى ۋە گارغا توپ ئۇرۇش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كوماندىلارنىڭ ماھىرلىرى ئىچىدە CBAدىكى ھەرقايسى كوماندىلاردىكى چولپان توپچىلار بولۇپلا قالماي، يەنە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان چەتئەللىك توپچىلارمۇ بولۇپ، مۇسابىقىگە ئۆزگىچە «چولپانلار نۇرى» قوشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ