مۇھىم خەۋەرلەر
- لى چياڭ گوۋۇيۈەننىڭ 3-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن…[2024年02月19日11:01]
- شى جىنپىڭ تېلېگرامما يوللاپ سىتۇبنىڭ فىنلاند…[2024年02月18日16:36]
- شى جىنپىڭ 37 - نۆۋەتلىك ئافرىقا ئىتتىپاقى با…[2024年02月18日09:51]
- تېخىمۇ ياخشى ھالدا قۇتۇپنى تونۇپ، قۇتۇپنى قو…[2024年02月08日08:40]
- جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت…[2024年02月08日08:38]
- خەن جېڭ شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئەزاسى…[2024年02月07日13:11]
- دىڭ شۆشياڭ نورۋېگىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى ئەيد…[2024年02月07日13:10]
- لى چياڭ ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبى « مۇز يارغۇ…[2024年02月07日13:09]
- مەملىكەتلىك تەشكىلات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىن…[2024年02月06日09:28]
- ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ م…[2024年02月06日09:28]
مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەر يىلى تەخمىنەن 20 مىڭ نەپەر يېشى 60 ياشتىن يۇقىرى ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ، پۇقراۋى مائارىپنى قوللاش پىلانلاندى
2024.02.19 13:43 مەنبە: خەلق تورى
مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا يېشى 60 ياشتىن يۇقىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پۇقراۋى مائارىپنى قوللاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، پېنسىيەگە چىققان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى تەشكىللەپ تاللاش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل پۇقرالار ئاچقان مەكتەپلەرگە يۈزلىنىپ، بولۇپمۇ پۇقرالار ئاچقان ئالىي مەكتەپلەر مائارىپىغا ياردەم بېرىش، تەتقىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرش، ھەر يىلى تەخمىنەن 20 مىڭ ئادەمنى تاللاپ ئەۋەتىش پىلانلانغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى.
تور سىرتىدا مائارىپقا ياردەم بېرىش، تەتقىقاتقا ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان يېشى 60 ياشتى يۇقىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېشى ئادەتتە 75 (ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياشتىن تۆۋەن بولۇشى، ئاساسىي مائارىپ ساھەسىگە قاتناشقانلارنىڭ، يېشى ئادەتتە 70 (ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياشتىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېشى 60 ياشتىن يۇقىرى ئوقۇتقۇچىلار غەربىي رايون، مىللىي رايونلاردىكى پۇقرالار ئاچقان مەكتەپلەرگە ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، كەسىپ، ئىشلەپچىقىرىش، كارخانىلار جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان قىس كەسىپلەرگە ئاتلىنىپ، پۇقرالار ئاچقان مەكتەپلەرنىڭ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلىشى، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچلەندۈرۈشى، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. پۇقرالار ئاچقان مەكتەپلەرنىڭ يېتەكچى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ئىلھام بېرىپ، يۇقىرى ساپالىق يېشى 60 ياشتى يۇقىرى ئوقۇتقۇچىلار ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىسى بولۇپ، ئۇستازغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئۇزاق مۇددەتلىك يېشى 60 ياشتىن يۇقىرى ئوقۇتقۇچى ياردەم بېرىش، مۇلازىمەت قىلىش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتە بىر ئوقۇش يىلىدىن كەم بولماسلىقى كېرەك، ياردەمگە ئېرىشىدىغان مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ، ئوقۇتۇش ۋە باشقۇرۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قوللاش خىزمىتىنى جانلىق قانات يايدۇرۇش كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ