مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىش قىلمىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، جۇڭگو مائارىپ مىنىستىرلىقى 12 تۈرلۈك سەلبىي تىزىملىك چىقاردى

人民网 2024年05月15日 15:18

      يېقىندا، جۇڭگو مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى «ئاساسىي مائارىپنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش يىلى» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، «قېلىپلاشتۇرۇپ تۈزەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى» ۋە «ئاساسىي مائارىپنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنىڭ سەلبىي تىزىملىكى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «سەلبىي تىزىملىك» دېيىلىدۇ)نى ئايدىڭلاشتۇردى، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قولدىن بېرىپ قويۇش، كۈندىلىك باشقۇرۇش تەرتىپسىزلىكى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قېلىپتىن چىقىپ كېتىش قاتارلىق ئۈچ جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە تۈزەپ، مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىش قىلمىشى يۈز بېرىشنى قاتتىق چەكلەش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ «دەرس ئارىلىقىدىكى ئون مىنۇت» دەم ئېلىشىنى ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق 12 «سەلبىي تىزىملىك»نى ئوتتۇرىغا قويدى.
      «سەلبىي تىزىملىك»تە مۇنۇلار ئېنىق كۆرسىتىلدى: پارتىيەگە، سوتسىيالىزمغا قارشى تۇرۇش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ياكى قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى ھاقارەتلەش، دۆلەتنى پارچىلاش، تارىخنى بۇرمىلاش، تاجاۋۇزچىلىقنى گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق خاتا سۆز-ھەرىكەتلەرنىڭ يۈز بېرىشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاجىز توپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى كەمسىتىشى، ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىشى، شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىشى، ئۇلارنى ھاقارەتلىشى، ئۇرۇشى، جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىشى ياكى كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمىتىگە ھاقارەت كەلتۈرىدىغان باشقا قىلمىشلار قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ؛ مەكتەپ ئىچىدە كۆپنىڭ ئازنى بوزەك قىلىشى، كۈچلۈكنىڭ ئاجىزنى بوزەك قىلىشى، چوڭنىڭ كىچىكنى بوزەك قىلىشى قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارنى بوزەك قىلىش قىلمىشى ياكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئېتىبارسىز قارىشى، يول قويۇشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى تاللاشنى مەقسەت قىلغان تۈرلۈك ئىمتىھانلارنى تەشكىللىشى ياكى تۈرلۈك مۇسابىقە گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلارنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاساسى قىلىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىنى ئېگىلىۋېلىش، دەم ئېلىش ياكى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ «دەرس ئارىلىقىدىكى ئون مىنۇت» دەم ئېلىشىنى ئىگىلىۋېلىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ؛ مەكتەپلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇش باشلاش، دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشنى كېچىكتۈرۈش، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى، قىشلىق، يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ دەرس تولۇقلاشقا تەشكىللەش قاتارلىقلار قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.
      مەنبە: خەلق تورى

      مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ