بېكىتىلدى! شىنجاڭدىكى 2024-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا مۇناسىۋەتلىك

人民网 2024年05月20日 13:28

      5-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۈندىدار سالونىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايوننىڭ 2024-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەدەنىيەت پەنلىرى ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ۋە 8-كۈنى ئېلىنىدىكەن.
      يېقىندا، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2024-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى» دېيىلىدۇ) ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشى بىلەن، شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان ئورنى تور بېكىتىدە ( swww.xjzk.gov.cn ) رەسمىي ئېلان قىلىندى. «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى»دە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق ئارخىپى، ئىدىيەۋى-سىياسىي ئەخلاق-پەزىلىتىنى باھالاش، سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ئىمتىھان ئېلىش ۋە ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى، ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرگە ئايرىپ كەسىپلەر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى، قوبۇل قىلىش تۈركۈم قېتىمىنى تەسىس قىلىش ۋە ئارزۇ تولدۇرۇش، قوبۇل قىلىش، ئۇچۇرنى ئاشكارا ئېلان قىلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىراجىتى، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە قوشۇمچە پىرىنسىپ قاتارلىق جەھەتلەردە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.«ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى»نى چۈشەنمەكچى بولغانلار شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان ئورنىنىڭ تور بېكىتىگە چىقىپ بىۋاسىتە تەكشۈرسە بولىدۇ.
        مەنبە: خەلق تورى

      مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ