شىنجاڭنىڭ 2024-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قۇشۇشقا مۇناسىۋەتلىك

人民网 2024年06月02日 23:11

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2024-يىلى شىنجاڭدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەدەنىيەت بىر تۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسى ئومۇمىي نومۇرى ئاساسىدا بەلگىلىك نومۇر قوشۇپ ئارخىپى يوللىنىدۇ؛ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئارخىپ يوللاش شەرتىگە يەتكەنلەرنى ئالىي مەكتەپلەر تەكشۈرۈپ قوبۇل قىلىش ياكى قوبۇل قىلماسلىقنى بېكىتىدۇ. ئوخشاش بىر ئىمتىھان بەرگۈچى كۆپ تۈرلۈك نومۇر كۆپەيتىپ ئارخىپ يوللاش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، پەقەت بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بىر تۈرلۈك نومۇر قىممىتى تاللاپ قوشۇلىدۇ ھەمدە 20 نومۇردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
      جايلاردىكى مائارىپ ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى نومۇر قوشۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈش، جەزملەشتۈرۈش، ئىمزا قويۇش ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ (ئاساسلىقى ۋىلايەت، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تور بېكىتى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، شۇ جايدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ، سىنىپ) باشقىچە پىكىر بولمىغاندىن كېيىن، «نومۇر قوشۇلىدىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى جەملەپ تىزىملاش جەدۋىلى»نى تولدۇرۇشى ھەمدە ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىنىڭ تامغىسىنى بېسىپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنىغا دوكلات قىلىشى كېرەك. يۇقىرىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، بولمىسا ئىناۋەتسىز دەپ قارىلىدۇ.
      نومۇر قوشۇش شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە:
      1. ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە 20 نومۇر كۆپەيتىپ ئارخىپى يوللىنىدۇ؛
      2. ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلاشقان ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرگە 10 نومۇر كۆپەيتىلىپ ئارخىپى يوللىنىدۇ؛ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە 2-دەرىجىدىن يۇقىرى تۆھپە ياراتقان ياكى ئۇرۇش رايونى (چوڭ ھەربىي رايون) دىن يۇقىرى ئورۇنلار شەرەپلىك نام بەرگەن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرگە 20 نومۇر كۆپەيتىپ ئارخىپى يوللىنىدۇ.
      3. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن چياۋمىنلار، جۇڭگو چياۋمىنلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى، قايتىپ كەلگەن چياۋمىنلارنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە تەيۋەن ئۆلكىسى تەۋەلىكىدىكى (تەيۋەن نوپۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە 10 نومۇر قوشۇپ ئارخىپى يوللىنىدۇ؛
      4. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاست (خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى)دىن ئادەتتىكى تۈردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق «جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم پىلانى»دىكى ئىمتىھانغا تىزىملىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىغا 10 نومۇر قوشۇلۇپ ئارخىپى يوللىنىدۇ؛
      5. ئادەتتىكى ۋە ئايرىم تۈردىكى (چەتئەل تىلىغا تاللاپ ئىمتىھان بېرىدىغان) ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانىغا تىزىملاتقان ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، تاجىك، شىبە، ئۆزبېك، تاتار، داغۇر، زاڭزۇ، رۇس مىللىتى قاتارلىق 11 مىللەتتىن بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە 15 نومۇر قوشۇلۇپ ئارخىپى يوللىنىدۇ. ئادەتتىكى تۈردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا تىزىملاتقان خۇيزۇ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە بەش نومۇر قوشۇپ ئارخىپى يوللىنىدۇ.
      كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
      مەنبە: خەلق تورى

      مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ