شىنجاڭ پېنسىيەگە چىققان مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى جەلپ قىلدى، ھەربىر ئادەمگە ھەر يىلى ئەڭ كۆپ بولغاندا 300 مىڭ يۈەن قوللاش خىراجىتى بېرىلىدۇ

人民网 2024年07月03日 16:39

      يېقىندا، شىنجاڭ دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى ۋە يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى 70 ياشتىن تۆۋەن پېنسىيەگە چىققان مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى (شىنجاڭ ئىچىدە ئىختىساسلىقلار % 30 تىن ئاشمايدۇ) نى جەلپ قىلىشقا يۈزلىنىپ، مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى بىلەن ئورتاقلىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار، پەن-تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پەن تەتقىقات كوللېكتىپىنى تەشكىللەپ قۇرۇش، تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا ئورتاق كۈچ قوشۇپ، كەسىپلەرنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى يۇقىرى قاتلاملىق پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرىدۇ.

      تاللانغۇچىلارغا شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى خىراجەت جەھەتتە ياردەم بېرىدۇ، ئىقتىسادىي ياردەم سوممىسى باھالاش نومۇرىغا ئاساسەن ياكى دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ بېكىتىلىدۇ، قوللاش مۇددىتى ئادەتتە بىر يىل بولىدۇ (ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى قېتىم داۋاملىق تاللىنىدۇ)، ھەربىر ئادەمگە ھەر يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 300 مىڭ يۈەن قوللاش خىراجىتى بېرىلىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن (ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزگۈچى ئورۇن) 1:1 خىراجەتنى يۈرۈشلەشتۈرۈشى، يانداش خىراجەتنى ئاساسلىقى پەن تەتقىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىشلىتىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن (ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزگۈچى ئورۇن) ياتاق-تاماق كاپالىتى، نەتىجىدىن بۆلۈپ بېرىلگەن پايدا، پايغا سۇندۇرۇپ مىقدارلاشتۇرۇش، تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش، سۇغۇرتا سېتىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللىشى كېرەك.

      ئىلتىماس قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن، شىنجاڭ سىرتىدىكىلەر (ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنى تۇرۇشلۇق جاي ئۆلچەم قىلىنىدۇ) نىڭ ھەر يىلى شىنجاڭدا خىزمەت قىلغان ۋاقتى جەمئىي 120 كۈندىن كەم بولماسلىقى، شىنجاڭ ئىچىدىكىلەرنىڭ ھەر يىلى شىنجاڭدىكى خىزمەت ۋاقتى 180 كۈندىن كەم بولماسلىقى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن (ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزگۈچى ئورۇن) لار يىللىق باھالاشنى يولغا قويىدۇ، باھالاشتا لاياقەتسىز بولغانلارنىڭ مۇناسىپ قوللاش خىراجىتى تۇتۇپ قېلىنىدۇ.

      مەنبە: خەلق تورى

      مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ