[سىن] بۇ «بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى»نى ياخشى ساقلاڭ

人民网 2024年07月05日 16:25

      يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدە، يازلىق تەتىل يېتىپ كەلدى! لېكىن ئۇنتۇپ قالماڭ، بىخەتەرلىك بىزنىڭ خۇشال-خۇرام دەم ئېلىشىمىزنىڭ قوغدىغۇچىسى. ساۋاقداشلار، بىز بۇ يازلىق تەتىللىك بىخەتەرلىك تاكتىكىسىنى بىرلىكتە ئۆگىنەيلى!

      [ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش قىسمى]

      كۆپ تەرلىگەندىن كېيىن، كۆپرەك سۇ ئىچىشنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ، سالقىنلىقنى ساقلاڭ. سىرتقا چىققاندا، ئاپتاپتىن ساقلىنىشنىڭ ئۈچ ئەڭگۈشتەرىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ: چوڭ كۈنلۈك، ئاپتاپ توسۇش شەپكىسى ۋە كۆزەينەك.

      [سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش قىسمى]

      سۇ بويىدا ئويناشتا بىخەتەرلىك بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يوق جايدا سۇ ئۈزمەڭ، خەتەرگە يولۇققاندا، يۇقىرى ئاۋازدا قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىڭ، چوڭلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىڭ، ئۆزىڭىز قارىغۇلارچە قۇتقۇزماڭ!

      [ئېگىزدىن چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش قىسمى]

      دېرىزە تەكچىسى، بالكون قاتارلىقلاردا ئېگىز-پەسلىك پەرقى بار بوشلۇقلارغا بارغاندا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ.

      [ قاتناش بىخەتەرلىكى قىسمى ]

      قىزىل چىراغدا توختاڭ، يېشىل چىراغدا مېڭىڭ، قاتناش قائىدىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاڭ. يول ماڭغاندا، ۋېلىسىپىت مىنگەندە يانفون ئوينىماڭ، يولدا ئوينىماڭ، ئاپتوموبىللارنىڭ كۆرۈنمەس رايونىغا دىققەت قىلىڭ.

      [توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكى قىسمى]

      توك كۆرۈنمەس يولۋاس، توك مەنبەسىنىڭ باش ئۈزچاتىنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، جىددىي ئەھۋال ئاستىدا تېز سۈرئەتتە توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىڭ. ھۆل قول بىلەن ئېلېكتىر سايمانلىرىنى تۇتماڭ.

      [يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى قىسمى]

      كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەرنى خام يېگەندە، پاكىز يۇيۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئېشىپ قالغان تاماق، قورۇمىلارنى ئىسسىتىڭ، تازىلىق كاپالىتى يوق يېمەكلىكلەرنى يېمەڭ.

      [ئاخىرى]

      ساۋاقداشلار، بۇ بىخەتەرلىك بىلىملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىۋالدىڭلارمۇ؟