ۋاڭ شياۋخۇڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدا ئىرادىنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىك، سالماقنى كېمەيتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش دائىملىق كۈرىشىنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

人民网 2024年07月05日 15:48

      جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ شياۋخۇڭ 7-ئاينىڭ 3-كۈنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىرادىنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىك، سالماقنى كېمەيتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، قانۇن بويىچە زەربە بېرىش، چوڭ دېلولاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بالدۇر زەربە بېرىپ، كىچىكىدىن باشلاپ زەربە بېرىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش دائىملىق كۈرىشىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش، خەلقنىڭ بەختى ۋە خاتىرجەملىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

      ۋاڭ شياۋخۇڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى باشتىن-ئاخىر قانۇنچىللىق يولىدا ئالغا سىلجىتىپ، ھەم قارا، رەزىل كۈچلەرگە دەل، قاتتىق زەربە بېرىپ ھەم قەتئىي تۈردە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكىگە زەربە بېرىپ، تورنى چۇۋۇپ تاشلاپ»، داغدۇغىلىق كۈچ كۆرسىتىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىدىكى نۇقتىلىق رايونلارنى بىرنى قالدۇرماي تەكشۈرۈش، تۈزەش، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردە مەنبەدىن تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى قەتئىي يوقىتىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى، تارماق مەسئۇلىيىتى، تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، خىزمەتلەرنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

      مەنبە: خەلق تورى

      مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ