شى جىنپىڭ قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف بىلەن كۆرۈشتى

人民网 2024年07月04日 10:28

      شۇ جاي ۋاقتى 7 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف بىلەن كۆرۈشتى.

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن بوگۇ فوتوسى

      شۇ جاي ۋاقتى 7 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف بىلەن كۆرۈشتى.

      شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر 5 ـ ئايدا، بىز شىئەندە مول نەتىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو ـ قىرغىزىستان مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بۇ ئورتاق تونۇشلار ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتى، جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ھەمكارلىقىدىن خۇش خەۋەرلەر ئارقا ـ ئارقىدىن تارقالدى. ئۇرۇق ـ تۇغقان، قوشنا ـ قولۇملار بىر ـ بىرىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقان قىرغىزىستاننى كۆرۈشنى خالايدۇ، قىرغىزىستان تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي قوللايدۇ، قىرغىزىستان تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو ـ قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

      شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ پىكىر يولىنى ئېچىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»ىن يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد ـ سودا، سېلىنما ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستاننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ، جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانىلارنىڭ قىرغىزىستانغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى قوللايدۇ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ. ئىككى تەرەپ قىرغىزىستان جۇڭيى تېبابىتى ـ دورىگەرلىكى مەركىزى، جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزى، لۇبەن ھۈنەرخانىسى قاتارلىق سۇپىلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ـ قىرغىزىستان دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن ماسلىشىش ـ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ.

      جاپاروف مۇنداق بىلدۈردى: مېنىڭ بۇلتۇر 5 ـ ئايدا جۇڭگودا قىلغان زىيارىتىم ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە، شۇ قېتىمقى زىيارەت قىرغىزىستان ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. ھازىر، قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگونىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى قويۇق ئالاقىنى ساقلىدى، يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئىككى تەرەپنىڭ سودا سېلىنمىسى مۇقىم ئاشتى. دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، قىرغىزىستان ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى باشتىن ـ ئاخىر ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولدى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ھېچقانداق سىياسىي ئىختىلاپ ۋە ھەمكارلىق توسالغۇسى مەۋجۇت ئەمەس. قىرغىزىستان تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قىرغىزىستانغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى ياخشى تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

      سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.