شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن بىرلىكتە سىنلىق شەكىلدە جۇڭگو ـ ياۋروپا كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان بىۋاسىتە تېز يەتكۈزۈش تىرانسپورتىنىڭ قاتناش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى

人民网 2024年07月04日 10:24

      شۇ جاي ۋاقتى 7 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن بىرلىكتە ئاستانىدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە سىنلىق شەكىلدە جۇڭگو ـ ياۋروپا كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان بىۋاسىتە تېز يەتكۈزۈش تىرانسپورتىنىڭ قاتناش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

      شى جىنپىڭ ۋە توقايېف جۇڭگو ـ ياۋروپا كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان بىۋاسىتە تېز يەتكۈزۈش تىرانسپورت تۈرىنىڭ سىنىنى كۆردى. قازاقىستان تەرەپنىڭ تۈر مەسئۇلى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىغا تەييارلىق ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ تۈر مەسئۇلى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنى بۇيرۇق بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

      ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە «يولغا چىقسۇن!» دەپ مەشغۇلات بۇيرۇقى بەردى.

      ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى چوڭ ئېكران ئارقىلىق ئاپتوموبىللارنى پاراخوتقا چىقىرىش، يۈك ساندۇقلىرىنى پاراخوتقا قاچىلاش قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋاللارنى كۆردى. نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

      بۇ قېتىم جۇڭگو تەرەپ ئاپتوموبىللىرى تۇنجى قېتىم تاشيول ئارقىلىق بىۋاسىتە يەتكۈزۈش تىرانسپورت شەكلىدە كاسپىي دېڭىزى بويىدىكى پورتقا يېتىپ باردى، جۇڭگودىن يولغا چىقىپ كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىپ ئۆتىدىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى مۇقىم يۈرۈشۈۋاتقىلى ئىككى يىل بولدى، بۇ، تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە، تۇرۇبا يولى ئارقىلىق توشۇش بىرگەۋدە قىلىنغان كۆپ مەنبەلىك، ئىستېرېئولۇق بولغان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ رەسمىي بەرپا قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

      سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.