بىڭتۈەندە پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى تەڭشەلدى

人民网 2024年07月04日 15:06

      شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پېنسىيەگە چىققان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندا بىڭتۈەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، بىڭتۈەن مالىيە ئىدارىسى ئادەم كۈچى بايلىقى-ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقىي جاۋابىغا ئاساسەن، «2024-يىلى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ياشانغانلار ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. 2024-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، 2023-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن بەلگىلىمە بويىچە پېنسىيەگە چىقىش، خىزمەتتىن چېكىنىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن ھەم ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ئاي بويىچە ئالغان كارخانا ۋە ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققان، خىزمىتىدىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى تەڭشەش قارار قىلىندى.

      بۇ قېتىمقى ياشانغانلار ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەشتە، كارخانا ۋە ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش چارىسى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، بىرنى ئومۇميۈزلۈك تەڭشەش، ئىككىنى باغلاش، ئۈچكە مايىللىشىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن تەڭشەش چارىسى داۋاملىق قوللىنىلىدۇ. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە جەمئىيەت ئادىللىقى نامايان قىلىندى، ئوخشاش بىر رايوندىكى تۈرلۈك پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش ئۆلچىمى بىردەك بولدى؛ چېتىپ تەڭشەشتە «ئۇزاق تاپشۇرغانلار كۆپ ئېلىش»، «كۆپ تاپشۇرغانلار كۆپ ئېرىشىش»تىن ئىبارەت رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى نامايان قىلىنىپ، خىزمەت قىلىپ ئۇزاق ۋاقىت ھەق تاپشۇرغان، كۆپ ھەق تاپشۇرغان خادىملار ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىغا كۆپ ئېرىشىدۇ؛ مايىللىشىپ تەڭشەشتە نۇقتىلىق غەمخورلۇقنى گەۋدىلەندۈرۈش ئاساسلىقى پېنسىيەگە چىققان چوڭ ياشلىق خادىملار ۋە جاپالىق، چەت، يىراق رايونلاردىكى پېنسىيەگە چىققان خادىملار قاتارلىق كىشىلەر توپىغا نۇقتىلىق ئېتىبار بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.

      تەلەپ بويىچە، 2024-يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تەڭشەپ كۆپەيتىلگەن ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى دەل ۋاقتىدا تارقىتىلىدۇ.

      قوشۇمچە ھۆججەت: 2024-يىللىق تەمىنات تەڭشەشنى چۈشەندۈرۈش كارتىسى