مۇھىم خەۋەرلەر
- لى چياڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ ۋىدېيو…[2023年11月23日11:00]
- شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىن…[2023年11月23日10:02]
- جاۋ لېجى رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى بىلەن…[2023年11月23日09:56]
- لى چياڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ سىنلىق…[2023年11月22日13:14]
- خەن جېڭ ئۆزبېكىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى…[2023年11月22日13:13]
- جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتى، چاڭجياڭ،تاۋفېن مۇكا…[2023年11月22日13:12]
- لى چياڭ مەركىزىي كومىتېت پۇل مۇئامىلە كومىتې…[2023年11月22日09:38]
- شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئايرىم …[2023年11月22日09:14]
- دىڭ شۆشياڭ رۇسىيەنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلىسى…[2023年11月22日09:12]
- شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىن…[2023年11月22日09:10]
تەنتەربىيە قوشۇمچە پەندىن ئاساسىي پەنگە ئۆزگەرتىلەمدۇ؟ مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇردى
2023.11.23 14:35 مەنبە: خەلق تورى
يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتى «تەنتەربىيە پەنلىرىنى قوشۇمچە پەنلەردىن ئاساسىي پەنلەرگە ئۆزگەرتىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە دەرسلىكلىرىنى ھەقسىز تارقىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ»كە جاۋاب بەردى.
«تەنتەربىيە پەنلىرىنى قوشۇمچە پەن ئوقۇتۇشىدىن ئاساسىي پەن ئوقۇتۇشىغا ئۆزگەرتىش» تەكلىپىگە قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەتنىڭ دەرس لايىھەسىدە تەسىس قىلىش بەلگىلەنگەن پەنلەر ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە دەپ ئايرىلمايدۇ. ھەرقايسى پەنلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئادەم تەربىيەلەش قىممىتى بار بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقايسى پەنلەر ئۆزئارا ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ ئادەم تەربىيەلەپ، تەربىيەلەش نىشانىغا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرسلىكى ئاساسىي مائارىپ دەرسلىك سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، «مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرسلىك لايىھەسى (2022- يىللىق نەشرى)»دە «تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق»نىڭ توققۇز يىللىق ئومۇمىي دەرس سائىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %11-%10 بولۇپ، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، رۇسىيە، كورېيە، ياپونىيە، فىنلاندىيە، ئەنگلىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭكىدىن يۇقىرى، بۇ ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىرىنى تەسىس قىلىشتا تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق پەنلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ