مۇھىم خەۋەرلەر
- شى جىنپىڭ كونگو(بىراززاۋىل) زۇڭتۇڭى ساسسۇ بى…[2024年02月23日08:48]
- يەر مۇھىم ئامىلىنىڭ ئەۋزەللىككە ئىگە رايونلا…[2024年02月20日11:13]
- لى چياڭ گوۋۇيۈەننىڭ 3-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن…[2024年02月19日11:01]
- شى جىنپىڭ تېلېگرامما يوللاپ سىتۇبنىڭ فىنلاند…[2024年02月18日16:36]
- شى جىنپىڭ 37 - نۆۋەتلىك ئافرىقا ئىتتىپاقى با…[2024年02月18日09:51]
- تېخىمۇ ياخشى ھالدا قۇتۇپنى تونۇپ، قۇتۇپنى قو…[2024年02月08日08:40]
- جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت…[2024年02月08日08:38]
- خەن جېڭ شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئەزاسى…[2024年02月07日13:11]
- دىڭ شۆشياڭ نورۋېگىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى ئەيد…[2024年02月07日13:10]
- لى چياڭ ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبى « مۇز يارغۇ…[2024年02月07日13:09]
جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئاسىيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭدىن ئابدۇسالام ئابدۇرېشىت تىزىملىككە كىردى
2024.02.26 18:26 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئورگان ئۈندىدار سۇپىسىدا 2025-يىللىق ئەرلەر ۋاسكېتبول ئاسىيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ 1-كۆزنەك مەزگىلىدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان 14 ئادەمنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، CBA دىكى كۈچلۈك كوماندا گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىن ئۈچ توپچى تاللاندى، لياۋنىڭ، جېجياڭ، گۇاڭشا، چىڭداۋ قاتارلىق كوماندىلاردىن ئىككىدىن توپچى تاللاندى.
كونكرېت ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە: جاۋ جىۋېي (لياۋنىڭ)، فۇ خاۋ (لياۋنىڭ)، ئابدۇسالام ئابدۇرېشىت (شىنجاڭ)، چېڭ شۈەيپېڭ (جېجياڭ)، يۈ جياخاۋ (جېجياڭ)، خۇ جىنچيۇ (گۇاڭشا)، جۇ جۈنلۇڭ (گۇاڭشا)، خۇ مىڭشۈەن (گۇاڭدۇڭ)، دۇ رۈنۋاڭ (گۇاڭدۇڭ)، شۈ جيې (گۇاڭدۇڭ)، لياۋ سەننىڭ (بېيكوڭ)، ياڭ خەنسېن (چىڭداۋ)، ۋاڭ رۇيزې (چىڭداۋ)، سۈي يۇڭشى (گۇاڭجوۋ).
مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بويىچە، بۇ قېتىمقى كۆزنەك مەزگىلدە جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزىدۇ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆز مەيدانىدا موڭغۇلىيە كوماندىسى ۋە 2-ئاينىڭ 25-كۈنى قارشى تەرەپ مەيدانىدا ياپونىيە كوماندىسىغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ.
2025-يىللىق ئەرلەر ۋاسكېتبول ئاسىيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىگە جەمئىي 24 كوماندا قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئالتە گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ، ھەر گۇرۇپپىدا تۆت كوماندا بار، گۇرۇپپىنىڭ ئالدىنقى ئىككىسى ئاسىيا لوڭقىسى رەسمىي مۇسابىقىسىگە بىۋاسىتە قاتنىشىدۇ. 6 گۇرۇپپىدىكى 3-لىككە ئېرىشكەن كوماندىلار يەنە بىر قېتىم قوشۇمچە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈپ، ئۇتۇپ چىققان 4 كوماندا ئاسىيا لوڭقىسى رەسمىي مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. جۇڭگو كوماندىسى C گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، C گۇرۇپپىدا ياپونىيە، موڭغۇلىيە ۋە گۇئام ئارىلى كوماندىلىرى بار.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ