ھايتى ئون نەچچە دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ

人民网 2024年06月26日 14:17

      شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، ھايتىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە دىن ئىشلىرى مىنىستىرى دومىنىك دىپىيى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دىپلوماتىيە خادىملىرىنى باھالاش ئارقىلىق، ھايتى زۇڭلىسى گارى كېنىيې بۇ ھەپتىدە چەت ئەلدىن ئون نەچچە دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى ھەم ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاشنى تەستىقلىدى.

      بۇ ھەپتە قايتۇرۇپ كېلىنىدىغان دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ھايتىنىڭ چىلى، ئارگېنتىنا، ۋىيېتنام، ئەنگلىيە، لىۋان قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى ھەمدە جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

      مەنبە: خەلق تورى

      مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ