ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قاتتىق ئەيىبلىدى 

人民网 2024年06月27日 15:14

      ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ جاي ۋاقتى 26 - ئىيۇن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بايانات ئېلان قىلىپ، 23 - ئىيۇن رۇسىيەنىڭ داغىستان جۇمھۇرىيىتىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: خەۋىپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرى رۇسىيەنىڭ داغىستان جۇمھۇرىيىتىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەڭ كۈچلۈك قاتتىق سۆز بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرى، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلدى ۋە ھال سورىدى ھەمدە يارىدارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرى بارلىق شەكىل ۋە ئىپادىدىكى تېررورلۇقنىڭ خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىككە ئېغىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى خەلقئارا قانۇن ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىدا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتكە ئاساسەن، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى يۈرگۈزگۈچى، تەشكىللىگۈچى، ياردەم بەرگۈچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇلارنى قانۇن بويىچە جازالاشقا مۇراجىئەت قىلدى. رۇسىيە داغىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى ماخاچكالا شەھىرى ۋە دېربېند شەھىرىدىكى پراۋوسلاۋىيە دىنى چېركاۋى، بىر يەھۇدىي دىنى چېركاۋى، بىر ساقچى قاراۋۇلخانىسى 23 - چېسلا تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، 21 ئادەم ئۆلدى، 40 نەچچە ئادەم يارىلاندى.

      مەنبە: خەلق تورى

      مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ