بەش تارماق بىرلىشىپ ئېلان قىلدى، بۇ 20 شەھەرگە چېتىلىدۇ

人民网 2024年07月05日 15:56

      سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورلاشقان ئاپتوموبىللارنىڭ <ئاپتوموبىل، يولنى بۇلۇت بىر گەۋدىلەشتۈرۈش> ىنى قوللىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ قاچىلاش 2023-يىل 268-نومۇر)دىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىلتىماس قىلىش، تەشكىللەپ باھالاش ئاساسىدا، 20 شەھەر (بىرلەشمە گەۋدە) ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورلاشقان ئاپتوموبىل «ئاپتوموبىل، يولنى بۇلۇت بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»نى قوللىنىشنى سىناق قىلىدىغان شەھەر قىلىپ بېكىتىلدى.

      ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى نۇقتىلىق سىناق قىلىنىدىغان شەھەرلەر سىناق خىزمىتى لايىھەسىنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا رەسمىي يوللىشى كېرەك. سىناق خىزمىتى لايىھەسى بويىچە قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ قاتارلىق كاپالەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىناق خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كۆپەيتكىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان تەجرىبىلەرنىڭ شەكىللىنىشى تېزلىتىلىدۇ.

      مەنبە: خەلق تورى

      مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ