فىلىپپىن جۇڭگودىن 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم تەلەپ قىلدى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇردى

人民网 2024年07月05日 15:59

      7- ئاينىڭ 4-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر سوئال سوراپ، فىلىپپىن جۇڭگودىن بۇ قېتىمقى توقۇنۇش ۋەقەسىدە جۇڭگو قولغا چۈشۈرگەن فىلىپپىننىڭ قورالىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى رەسمىي تەلەپ قىلىشنى پىلانلىدى، بۇ يەتتە قورال-ياراغنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، جۇڭگو بۇ تەلەپنى تاپشۇرۇۋالدىمۇ؟ دېدى.

      ماۋ نىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كونكرېت ئەھۋالنى مەن چۈشەنمەيمەن، لېكىن مېنىڭ سىزگە دەپ بېرەلەيدىغىنىم، فىلىپپىن جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئاراللىرى رېنئەي خادا تاش ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز بېسىپ كىرىپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلدى. جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قوللانغان قانۇن ئىجرا قىلىش تەدبىرى يوللۇق، مۇۋاپىق، قانۇنلۇق.

      ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: بىز فىلىپپىننى ھوقۇققا چېقىلىش، ئىغۋاگەرچىلىكنى توختىتىپ سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش-تىزگىنلەشتىن ئىبارەت توغرا يولغا قايتىشقا دەۋەت قىلىمىز.

      مۇخبىر سوئال سوراپ، فىلىپپىن-جۇڭگو پاراخوتلىرىنىڭ يېقىندا نەنخەي دېڭىزىدا سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسىگە قارىتا، فىلىپپىن قوراللىق قىسمى جۇڭگودىن 60 مىليون پېسو، تەخمىنەن 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم تەلەپ قىلدى، فىلىپپىن تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سان پەقەت مال-مۈلۈك زىيىنى بولۇپ، يەنە پاراخوت خادىملىرىنىڭ يارىلىنىشىدىكى زىياننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟دېدى.

      ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: فىلىپپىن ئاۋۋال قانۇنسىز توشۇپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى، جۇڭگونىڭ ھوقۇقنى قوغداپ قانۇن ئىجرا قىلىشى يوللۇق، قانۇنلۇق، فىلىپپىن ئۆزىنىڭ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

      مەنبە: خەلق تورى

      مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ