شىنجاڭغا «شى جىنپىڭ  دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 4 - تومىنىڭ ئۇيغۇر تىلى يېزىقى، قازاق تىلى يېزىقى، موڭغۇل تىلى يېزىقى نۇسخىسىدىكى 70 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتاب ھەدىيە قىلىندى

人民网 2024年07月04日 15:12

      7- ئاينىڭ 2- كۈنى، مىللەتلەر نەشرىياتى شىنجاڭغا «شى جىنپىڭ  دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 4- تومىنىڭ ئۇيغۇر تىلى يېزىقى، قازاق تىلى يېزىقى، موڭغۇل تىلى يېزىقى نۇسخىسىدىكى جەمئىي 70 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتابنى ھەدىيە قىلدى.

      «شى جىنپىڭ  دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 4 - تومىدا ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنغان، پارتىيەمىزنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قوشقان ئەڭ يېڭى تۆھپىسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېڭى مەنزىل ئاچقانلىقى، يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن نوپۇزلۇق ئەسەر.

      كەڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بۇ يىل 2 - ئايدا، «شى جىنپىڭ  دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 4 - تومىنىڭ موڭغۇل تىلى يېزىقى ، زاڭزۇ تىلى يېزىقى ، ئۇيغۇر تىلى يېزىقى ، قازاق تىلى يېزىقى، چاۋشيەنزۇ تىلى يېزىقى قاتارلىق بەش خىل مىللەت تىلى يېزىقى نۇسخىسى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلدى.

      ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر دىلمۇرات ئىبراھىم مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى كىتاب ھەدىيە قىلىش پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى بۇ ئەڭ يېڭى دەرسلىكنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ھەم ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى پۇختا ئىگىلەش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، «ئىككىنى تىكلەش»نى ئاڭلىق ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەشكىللەپ ۋە يېتەكلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەيمىز.

      مەنبە: خەلق تورى

      مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ