يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى زىچ زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پونكىت - نۇقتىلىرى، ھەمكارلىق كارخانىلىرى ۋە تۆمۈريول تىرانسپورت تارماقلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كۆمۈر توشۇش، ئامبار زاپىسى ۋە بازار ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، كۆمۈر مەنبەسىنى ئىلمىي تەشكىللەپ، توشۇش پىلانىنى جانلىق تەڭشەپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش يېڭى يولىنى ئاچتى.
2- ئاينىڭ 26 - كۈنى، لىق خۇڭشاچۈەن كۆمۈرى بېسىلغان مەخسۇس پويىز جىنگوۋ ۋوگزالىدىن ئۆتۈپ، سىرتقا توشۇش يولىغا قاراپ ماڭدى. ۋاڭ خۇي فوتوسى
ھازىرغىچە، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كۆمۈرنى شىنجاڭدىن چىقىرىش رايونى چىڭخەي، نىڭشيا، سىچۈەن، چۇڭچىڭ، يۈننەن، گۇيجوۋ، ئىچكى موڭغۇل، خېنەن، خۇبېي، خۇنەن، شىزاڭ قاتارلىق 14 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنى قاپلىدى.
شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىل 2- ئايدا، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كۈچلۈك سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، قىشنى كۈتۈۋېلىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ