مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى! جۇڭگو شىنجاڭلىق ماھىرلار بىر ئالتۇن مېدال، ئۈچ كۈمۈش مېدال، تۆت مىس مېدال ئالدى

人民网 2024年05月10日 00:19

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، 2024-يىللىق ئاسىيا ياشلار بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە 2024-يىللىق ئاسىيا U22 ياشلار بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى قازاقىستاننىڭ ئاستانا شەھىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. جۇڭگو كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە ئاتلانغان شىنجاڭ بوكس ياشلار كوماندىسى بىلەن ئاياللار بوكس كوماندىسى بىر ئالتۇن مېدال، ئۈچ كۈمۈش مېدال، تۆت مىس مېدال ئالدى.
      ئاسىيا ياشلار بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى («ئاسىيا لەۋھە مۇسابىقىسى» دەپ ئاتىلىدۇ) خەلقئارا بوكس بىرلەشمىسى، ئاسىيا بوكس بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقە تەرتىپى بويىچە بولغان قىتئەلەر ئارا 18 ياشتىن تۆۋەن ياشلار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، ئاسىيا U22 ياشلار بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى (قىسقارتىلىپ «U22 ئاسىيا لەۋھە مۇسابىقىسى» دەپ ئاتىلىدۇ) ئاسىيا بوكس بىرلەشمىسى ئۆتكۈزگەن يېڭى مۇسابىقە بولۇپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە قوش مۇسابىقىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىدە ئاستانا شەھىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى.
      جۇڭگو بوكس كوماندىسىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش پىلانىنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭگو بوكس جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو بوكس كوماندىسى بىرلىكتە شىنجاڭنىڭ تەنھەرىكەتچىلەرنى جۇڭگوغا ۋاكالىتەن ئەۋەتىشىنى قارار قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى ئەرلەر ياشلار كوماندىسى ۋە ئاياللار بوكس كوماندىسىدىن جەمئىي 12 تەنھەرىكەتچىنى تاللاپ چىقىپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇردى، بۇلارنىڭ ئىچىدە مەملىكەتلىك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى، مەملىكەتلىك ياشلار مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى، مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەر لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى قاتارلىقلار بار.
      13 كۈن داۋاملاشقان ئىككى تۈرلۈك مۇسابىقىدە، شىنجاڭلىق بوكس ماھىرلىرى جۇڭگو بوكس روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ بوكسچىلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قىياپىتىنى نامايان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن كەلگەن 17 ياشلىق ماھىر ئالمىرە ئابدۇرېھىم تۇنجى قېتىم ئاسىيا لەۋھە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئاياللارنىڭ 70 كىلوگىراملىقلار دەرىجىلىكلەرنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ساھىبخان دۆلەت قازاقىستان ماھىرىنى 5:0 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، شۇ دەرىجىدىكى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. دىنا ساناتبېك ئاسىيا لەۋھە مۇسابىقىسى ئاياللار 66 كىلوگىرام دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىنىڭ كۈمۈش مېدالىغا، ئايگۈزەل مەخسۇت U22 ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئاياللارنىڭ 60 كىلوگىرام دەرىجىلىكلەر كۈمۈش مېدالىغا، رىزابېك قاسەن U22 ئاسىيا لەۋھە مۇسابىقىسى ئەرلەرنىڭ 92 كىلوگىرام دەرىجىلىكلەر كۈمۈش مېدالىغا ئېرىشتى. بەي يۈتۇڭ، ئىدرىس، ئايئارىس كەنجىباي ۋە ئېلدانە ئىككى تۈرلۈك مۇسابىقىدە تۆت مىس مېدالغا ئېرىشتى.
      «12 نەپەر تەنھەرىكەتچى ئىچىدە، رىزابېكتىن باشقا ھەممىسىنىڭ تۇنجى قېتىم قىتئەلەر ئارا مۇسابىقىگە قاتنىشىشى. ئۇلار مۇسابىقىدە جان تىكىپ ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بوكس باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇشۈكۈر مىجىت بۇ قېتىمقى قىتئەلەر ئارا مۇسابىقىگە قاتنىشىش كەچۈرمىشى ئارقىلىق، بۇ تۈركۈم تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئىشەنچ ۋە تەجرىبىگە ئېرىشەلىشىنى، كېيىنكى مەملىكەتلىك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە مەملىكەتلىك ياشلار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەت كوماندىسىغا بالدۇرراق تاللىنىپ، دۆلەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.
      كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
      مەنبە: خەلق تورى

      مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ