پاش قىلىش تېلېفونى ئېلان قىلىندى! شىنجاڭ مائارىپ سىستېمىسى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى

人民网 2024年05月14日 15:56

      ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ سىستېمىسى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىشىش مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان ھەمدە ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مائارىپقا مەسئۇل تارماقلار، تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ نازارەت قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلغان.
      تۈزەش مەزمۇنى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قۇۋۋەتلىك تاماق بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش قېلىپلاشماسلىق، ئوقۇغۇچىلار ياردەم پۇلىنى تۇتۇپ قېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەر؛ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى مەسىلىسى؛ مائارىپ سىستېمىسىدا توغرا نەتىجە قارىشى، سىياسەتنى ئىجرا قىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، كادىرلار ئىستىلى قاتارلىق مەسىلىلەر.
      نازارەت قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى : دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00دىن 13:30غىچە؛ چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00دىن 19:30غىچە.
        مەنبە: خەلق تورى

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ