شىنجاڭ رەسەتخانىسى تۇنجى قېتىم يېڭى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنى بايقىدى، بۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ

人民网 2024年06月07日 23:12

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، خەلقئارا كىچىك سەييارە مەركىزى يېڭى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز P/2024 FG9 نى جەزىملەش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى ھەمدە ئۇنىڭغا نەنشەن-خان قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى دەپ ئىسىم قويدى. بۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ رەسەتخانىسى تۇنجى قېتىم بايقىغان.
      بۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ ئەڭ يۇقىرى يورۇقلۇقى 17.5 يۇلتۇز دەرىجىسى، بىراق ئادەتتىكى ئادەم كۆزىنىڭ كۆرەلەيدىغان ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى يۇلتۇز دەرىجىسى 7.6دىن 8.0 يۇلتۇز دەرىجىسىگىچە. يۇلتۇز دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، يورۇقلۇقى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭا بۇ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز.
      جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ رەسەتخانىسىنىڭ نەنشەن تېغى بىر مېتىرلىق چوڭ كۆرۈش مەيدانى ئوپتىكا تېلېسكوپى بۇ يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇنى تۇنجى قېتىم بايقىغان. ئەتىسى جۇڭگو ئىشتىن سىرتقى رەسەتخانىسىنىڭ چولپان رەسەتخانىسى يېرىم مېتىرلىق تېلېسكوپ ئارقىلىق ئۇنى ئەگىشىپ كۈزەتكەن ھەمدە سانلىق مەلۇماتلارنى خەلقئارا كىچىك سەييارە مەركىزىگە دوكلات قىلغان.
      نۆۋەتتىكى ئوربىتا ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، نەنشەن-خان قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزىنىڭ قۇياشقا يىراق نۇقتىسى يۇپىتېر ئوربىتىسىغا يېقىن، قۇياشقا يېقىن ئوربىتىسى مارس ئوربىتىسى ئەتراپىدا بولغاچقا، ئۇنىڭ ئوربىتىسى يۇپىتېر ۋە مارسنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئاسانلا ئۇچراپ ئۆزگىرىدۇ.
      جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ رەسەتخانىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى فېڭ گوجيې چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ ئوربىتىلىق دەۋرى تەخمىنەن 5.88 يىل. خاللېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزىنىڭ تەخمىنەن 76 يىللىق ئوربىتا دەۋرىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ قايتىپ كېلىش ۋاقتى خېلى قىسقا بولۇپ، ئاسترونوملارنىڭ ئۇنىڭ پائالىيەت سەۋىيەسى ۋە دىنامىكىلىق جەريانىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشىغا پايدىلىق.
      فېڭ گوجيې مۇنداق دېدى: نەنشەن-خان قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزىنىڭ بايقىلىشى شىنجاڭ رەسەتخانىسىنىڭ نەنشەندىكى بىر مېتىرلىق چوڭ كۆرۈش مەيدانى تېلېسكوپىنىڭ ئاسماننى چارلاپ بايقاش جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكىنى، شۇنداقلا شىنجاڭ رەسەتخانىسى بىلەن چولپان كوللېكتىپىنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.
      2022-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ رەسەتخانىسى بىلەن چولپان كوللېكتىپى ھەمكارلىشىپ، يەر شارىغا يېقىن ئىككى كىچىك سەييارە 2023 DB2 ۋە 2023 VB2نى بايقىغان.
      كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
      مەنبە: خەلق تورى

      مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ