شىنجاڭدىكى يېزا تاشيولىدا ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك يول باشلىقى تۈزۈمى يولغا قويۇلدى

人民网 2024年06月07日 23:15

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا تاشيولى نىزامى»نى ئېلان قىلدى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)، «نىزام» 2024-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
      «نىزام»دا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا تاشيول خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يېزا تاشيول تەرەققىياتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، يېزا تاشيول خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا تاشيولىنىڭ ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
      ناھىيە (شەھەر، رايون) لىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا تاشيوللىرىنى پىلانلاش، قۇرۇش، ئاسراش، باشقۇرۇش ۋە تىجارەت مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى بولۇپ، يېزا تاشيوللىرىنى باشقۇرۇش، ئاسراش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاسراش-باشقۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.
      يېزا (بازار) لىق خەلق ھۆكۈمىتى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى يېزا يولى، كەنت يولى قۇرۇلۇشىغا ۋە ئاسراشقا ھەمدە كەنت يولىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. كەنت (ئاھالىلەر) كومىتېتى يېزا (بازار) لىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنت يولىنى قوغداشنى كەنت قائىدىسى ۋە ئەھدىنامىسىگە كىرگۈزىدۇ ھەمدە يېزا يولى، كەنت يولى قۇرۇلۇشى، ئاسراش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە ياردەملىشىدۇ.
      يېزا تاشيولىدا ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك يول باشلىقى تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ يول باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت سىستېمىسى ۋە يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش زۆرۈر. ھەر دەرىجىلىك يول باشلىقلىرى مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن مۇناسىپ يېزا تاشيول خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
      كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
      مەنبە: خەلق تورى

      مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ