ماشىنا ئالماشتۇرامسىز؟ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن مەركەز مالىيەسىنىڭ ئالدىن ئاجرىتىلغان 200 مىليون يۈەندىن ئارتۇق تولۇقلىما مەبلىغىگە ئېرىشتى

人民网 2024年06月07日 23:14

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مالىيە مىنىستىرلىقى 2024-يىللىق مالىيە تولۇقلىما ئۆسۈمى ۋە مۇكاپات تولۇقلىمىسىدىن 6 مىليارد 440 مىليون يۈەن چۈشۈرۈپ، 2024-يىلى كونا ئاپتوموبىلنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش مەركەز مالىيەسىنىڭ ياردەم مەبلىغىنى ئالدىن ئاجراتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئالدىن ئاجرىتىلغان مەبلەغدىن 164 مىليون 920 مىڭ يۈەن ۋە 68 مىليون 720 مىڭ يۈەنگە ئېرىشتى.
      مەركەز مالىيەسى ئالدىن ئاجراتقان مەبلەغدىن باشقا، بۇ يىل جايلاردىكى مالىيە ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن 4 مىليارد 758 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ بېرىدۇ، مەركەز مالىيەسى، يەرلىك مالىيە جەمئىي 11 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېقىن تولۇقلىما بېرىدۇ. «ئۇقتۇرۇش»تا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى براك ئاپتوموبىللارنى يىغىۋېلىش كۆرسەتكۈچى 3 مىليون 780 مىڭغا يەتكەن.
      بۇ يىل 3-ئايدا گوۋۇيۈەن «كەڭ كۆلەملىك ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتى لايىھەسى»نى تارقىتىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇردى. مەملىكەت بويىچە ئاپتوموبىللارنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇپ سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، سېتىش كارخانىلىرىنىڭ سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش ھەمدە كەسىپلەرنى تەرتىپلىك رىقابەتلىشىشكە يېتەكلەش زۆرۈر بولدى. مەركەز مالىيەسى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىرلىشىپ ئىستىمال بۇيۇملىرىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشنى قوللاشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەز مالىيەسى ئورۇنلاشتۇرغان ئېنىرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش ياردەم مەبلىغى ئارقىلىق شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشىنى قوللاش زۆرۈر بولدى.
      كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
      مەنبە: خەلق تورى

      مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ