ب د ت مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتى: ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس توقۇنۇشتا ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزدى

人民网 2024年06月13日 15:19

      شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: 2023-يىل 10-ئايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە غەززە رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە ئۆتكۈزگەن ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك؛ بۇنىڭدىن باشقا، پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) قاتارلىق پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرىمۇ ئۇرۇش جىنايىتى قاتارلىق جىنايى جاۋابكارلىققا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
      دوكلاتتا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال ئۇرۇش توختىتىپ، غەززە رايونىدىكى قامالنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقرالار ۋە خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئۇل ئەسلىھەلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىشى مۇراجىئەت قىلىندى. دوكلاتتا يەنە پەلەستىن ھۆكۈمىتى ۋە غەززە رايونىنى ئەمەلىيەتتە باشقۇرغۇچى تەرەپنىڭ ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىشنى دەرھال توختىتىشى، تۇتۇپ قېلىنغان بارلىق خادىملارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەلتۆكۈس ۋە ئادىل تەكشۈرۈشى، جىنايى قىلمىشتا مەسئۇلىيىتى بار ئاشۇ كىشىلەر ئۈستىدىن ئەرز قىلىشى مۇراجىئەت قىلىندى.
        مەنبە: خەلق تورى

      مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ