پۇتىن ئاستانىدە ئەردوغان بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

人民网 2024年06月13日 15:20

      شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن موسكۋادا زىيارەتكە كەلگەن تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فىدان بىلەن كۆرۈشتى. پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە تۈركىيەنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ.
      بۇنىڭدىن باشقا، پۇتىن تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن بۇ يىل 7-ئايدا قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدە كۆپ تەرەپلىك پائالىيەتكە بىرلىكتە قاتناشقاندا كۆرۈشۈشنى پىلانلىدى.
        مەنبە: خەلق تورى

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ