گۇڭئەن مىنىستىرلىقى: توردا كونا ئاپتوموبىلنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرگىلى بولىدۇ

人民网 2024年06月14日 15:51

      گۇڭئەن مىنىستىرلىقى 13-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. گۇڭئەن مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چى ياۋجۇڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىرقى بەلگىلىمە بويىچە، ئاپتوموبىل ئىگىلىرى بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىللارنى يىغىۋېلىش كارخانىلىرىغا بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىللارنى سېتىپ بېرىپ، تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ كۆزنىكىگە بېرىپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش قەغىزىنى ئېلىشى كېرەك. ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن سودا مىنىستىرلىقى ئامما توردا ئاپتوموبىلنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرەلەيدىغان يېڭى تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ «قاتناش باشقۇرۇش 12123» APP تورىدىن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش ئىسپاتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى چۈشۈرۈشىنى ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش ئىسپاتىنى ئىشلىتىپ بەلگىلىمە بويىچە ئاپتوموبىلنى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى ئىلتىماس قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ كۆزنەككە بېرىپ-كېلىپ ئىش بېجىرىش يۈكىنى ئازايتتى.

      چى ياۋجۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا گۇڭئەن مىنىستىرلىقى «قاتناش باشقۇرۇش 12123»APPنىڭ نەشىرىنى ئۆستۈرۈشنى تەشكىللەپ، توردا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش ئىسپاتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئىقتىدارىنى كۆپەيتىدۇ ھەم 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ.

      مەنبە: خەلق تورى

      مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ