100-HH ئاۋىياتسىيە سودىغا ئىشلىتىلىدىغان ئادەمسىز تىرانسپورت سىستېمىسىنى دەلىللەش ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى ئۇچۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

人民网 2024年06月14日 09:03

      8-ئاينىڭ 12-كۈنى، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان 100-HH ئاۋىياتسىيە سودىغا ئىشلىتىلىدىغان ئادەمسىز تىرانسپورت سىستېمىسىنى دەلىللەش ئايروپىلانى شەنشى شىئەندىكى لەنتيەن ئۇنىۋېرسال ئايرودۇرۇمىدا تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچتى. تۇنجى ئۇچۇش سىنىقى جەريانىدا، ئايروپىلاننىڭ ھەرقايسى سىستېمىسى ئۈسكۈنىلىرى نورمال ئىشلىدى، ئايروپىلاننىڭ ھالىتى مۇقىم، ياخشى بولۇپ، ئالدىن بەلگىلەنگەن ئۇچۇش تۈرى تاماملاندى.

      100-HH ئاۋىياتسىيە سودىغا ئىشلىتىلىدىغان ئادەمسىز تىرانسپورت سىستېمىسى ئادەمسىز ئۇچقۇ سۇپىسى، قوماندانلىق قىلىش-كونترول قىلىش سىستېمىسى (يەر يۈزى پونكىتى) دىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تەننەرخى تۆۋەن، تونناژى چوڭ، سودا يۈكى يۇقىرى، پۈتۈن مەملىكەتتە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئايروپىلاننىڭ ئەڭ چوڭ ئۇچۇش ئېغىرلىقى 2000 كىلوگىرام، يۈك كۆتۈرۈش مىقدارى 700 كىلوگىرام، لىق يۈك بېسىلغان مۇساپىسى 520 كىلومېتىر، ئەڭ چوڭ چارلاپ تەكشۈرۈش سۈرئىتى سائىتىگە 300 كىلومېتىر، ئەڭ يۇقىرى ئىشلىتىلىش ئېگىزلىكى 5000 مېتىر، مال بۆلمىسىنىڭ سىغىمى تۆت كۇب مېتىر كېلىدۇ.

      بۇ ئايروپىلاننىڭ ئاساسلىق قوللىنىش ئورنى تارماق لىنىيە ئەشيا ئوبوروتى بولۇپ، ئورمان، ئوتلاقتا ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈش، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە داۋاملاشما خەۋەرلىشىش، ھاۋارايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش قاتارلىق ئەمەلىي كۆرۈنۈشلەرنى كېڭەيتىشكە بولىدۇ.

      100-HH ئاۋىياتسىيە سودىغا ئىشلىتىلىدىغان ئادەمسىز تىرانسپورت سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش جەريانىدا، تەتقىق قىلىپ ياساش كوللېكتىپى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مۇستەقىل ئۇچۇشنى كونترول قىلىش سىستېمىسىنى لايىھەلەش، يۇقىرى ئىشەنچلىك ۋەزىپە يىرىك پىلانى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كېيىنكى HH يۈرۈشلۈك ئادەمسىز تىرانسپورت سىستېمىسى تەتقىق قىلىپ ياساش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

      جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھى ئاۋىياتسىيەدە ئىشلىتىلىدىغان ئادەمسىز تىرانسپورت سىستېمىسىنىڭ 2 توننىلىق، 5 توننىلىق، 10 توننىلىق ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا پۇختا قەدەم بىلەن تۈرتكە بولۇپ، بازارنىڭ ئادەمسىز تىرانسپورت ئايروپىلانىنى چوڭ تىپلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، تۆۋەن تەننەرخلىك، يۇقىرى ئىشەنچلىك قىلىش جەھەتتىكى تەرەققىيات ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرماقتا.

       مەنبە: خەلق تورى

      مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ