خەنجياڭ دەرياسى بويىدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بەخت باغچىسى (جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش. بىرىنچى سەپتە كۆرگەن ـ ئاڭلىغانلىرىم

人民网 2024年06月14日 09:14

      ئۆز مۇخبىرىمىز گاۋ بىڭ

      تاڭ نۇرى دەريا يۈزىگە چېچىلدى، ۋاڭ گەن ئاپپاراتنى باستى، «خەنجياڭ دەرياسىدا ئىبىس ئۇسسۇلى ئوينىغان» دەقىقە خاتىرىدە قالدى.

      شەنشى ئۆلكىسى خەنجۇڭ شەھىرىدىكى تيەنخەن سۇلۇق يەر باغچىسىدا، ئوت-چۆپ، دەل-دەرەخلەرگە يەنە شەبنەم تامچىلىرى ئېسىلغان بولۇپ، ۋاڭ گەن قاتارلىق فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى فوتو ئاپپارات ئورناتتى. «كۈلرەڭ لەيلەك، ئاق قاقىر، يېشىل باش ئۆردەكلەر كامېرانىڭ دائىملىق مېھمىنى. ۋاڭ گەن مۇنداق دېدى: نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا پەيلىرى بۈدۈر پەيلىك ساقىيقۇشمۇ تۇنجى قېتىم پەيدا بولدى.»

      گۈزەل مەنزىرە ئادەمنى مەست قىلىدۇ. ئەمما ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، بۇ يەر شەھەرنىڭ شېغىل قېزىش دەريا بۆلىكى ئىدى. شەھەر تەرەققىياتى، ئېكولوگىيەنى قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەنجياڭ دەرياسى شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان خەنجۇڭ شەھىرى «بىر دەريانىڭ ئىككى قىرغىقى»دىن ئىبارەت شەھەر يىرىك پىلانى تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۈگۈنكى كۈندە، قاقاسلىق باغچىغا، دەريا مەنزىرىسى مەنزىرىگە ئايلىنىپ، بىر پارچە يېشىل يۆگىمە رەسىم ئاستا-ئاستا يېيىلدى.

      2023ـ يىل 7 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تيەنخەن سۇلۇق يەر باغچىسىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، بۇ يەرنى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ «بەخت باغچىسى» دەپ ماختىغان، «ئېكولوگىيە باغچىسى قۇرۇلۇشىدا تەبىئەتكە لايىقلىشىپ، سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ۋە سىستېمىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداشنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش بىلەن يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىتى گۈزەل، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئولتۇراقلىشىشقا، ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىدىغان ئېكولوگىيەلىك شەھەرنى تىرىشىپ قۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

      خەنجۇڭ شەھىرى يىجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى ئېچىشنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تەن باۋجۈن: «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىز تەبىئىي قانۇنىيەت ئارقىلىق سۇلۇق يەرنى قوغداپ، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى شەھەرگە سىڭدۈردۇق.» دېدى.

      «ئاۋۇ چۆپلۈككە قارا، قانداق ھۈنىرى بار؟» تەن باۋجۈن بىر يانتۇلۇقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇخبىردىن سورىدى. ئوت - چۆپلەردىن توقۇلغان بىر پارچە «يېشىل پايانداز» گۈل-چېچەكلەر بىلەن بېزەلگەنىدى.

      تەن باۋجۈن تونۇشتۇرۇپ: «بۇ ئوتلاق ئەمەلىيەتتە خەنجياڭ دەرياسى توسمىسىنىڭ سۇ توسۇش يانتۇلۇقى» دېدى، يەر ئاستى يېرىم مېتىر كېلىدىغان جايدا، قوغۇشۇن سىم قەپەس، تاش پارچىسى قاتارلىقلار قاتتىق رايون بولۇپ، ھەم سۇ تەركىبىنى ساقلايدۇ، ھەم چىداملىق.

      تەن باۋجۈن بۇ خىل تەبىئىي ۋە سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسالغان « يامغۇر گۈللۈكى»دىن باغچىدا 82 سى بار. دېدى. يامغۇر سۈيى ۋە يەر ئۈستى سىرغىمى بۇلۇت ئەسلىھەسىنىڭ قاتلاممۇقاتلام سۈزۈشى، تازىلىشىدىن ئۆتۈپ، ئاندىن خەنجياڭ دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. يېقىنقى 10 يىلدا خەنجياڭ دەرياسىنىڭ خەنجۇڭ بۆلىكىنىڭ سۇ سۈپىتى ئىزچىل ياخشى ساقلاندى.

      بۇ يىل 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدا 71 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بېلىق يولى پۈتۈپ سۇ باشلاندى. بۇنىڭ بىلەن باغچىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 2.3 كىلومېتىر كېلىدىغان بېلىقلارنىڭ كۆچۈش يولى پۈتتى. بېلىقلار ئۈزۈپ يۈرۈپ كۆپىيىپ ياشىيالايدۇ، سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى جانلىقلار زەنجىرى، يېمەكلىك تورىنى يەنىمۇ رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

      ئەگرى - بۈگرى بېلىق يولىنى بويلاپ مېڭىپ، پەقەت «شىددەتلىك ۋە ئاستا ئېقىن»، «چوڭقۇر كۆل - تېيىز ساھىل»لارنىڭ نۆۋەتلىشىپ تارقالغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. رەڭگارەڭ ھىندى نېلۇپەرىلەرنىڭ يوپۇرمىقى يېشىل، گۈلى سېرىق بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى.- تەن باۋجۈن: «ھازىر سازان بېلىقلار ھەمراھلىشىپ بېلىق تۇتۇش يولىغا كىردى.» دېدى.

      قۇم - شېغىللار دەريا ئىچىدىكى يېشىل ئارالنى ھاسىل قىلىپ قوپۇرۇلدى؛ ساھىلدا يېقىن سۇ ئېقىنى ھاسىل قىلىندى؛ يانتۇلۇق ئاستىلىتىپ چىملىق زىننەتلەشكە ئۆزگەرتىلدى.

      بۈگۈنكى كۈندە، تيەنخەن سۇلۇق يەر باغچىسىدا تەخمىنەن 1 مىليون 456 مىڭ كىۋادرات مېتىر يېشىللىق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، تەبىئىي سۇ رايونى ئالتە كىۋادرات كىلومېتىرغا، ئېكولوگىيەلىك ئارال 219 غا يەتتى؛ 314 خىل ئۆسۈملۈك، 30 خىل بېلىق تۈرى، 90 خىل قۇش تۈرى بار؛ ئاستا ماڭىدىغان ئۈچ پىيادىلەر يولى بۇ ئارىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، سۇلار يېشىللىق ئىچىدە، ئادەملەر رەسىم ئىچىدە.

      تيەنخەن سۇلۇق يەر باغچىسى قويۇپ بەرگەن ئېكولوگىيە پايدىسى خەنجۇڭ شەھىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئېكولوگىيەلىك شەھەر قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە –

      شەھەر سۇ سىستېمىسى، سۇ، قىرغاق لىنىيەسى، سۇلۇق يەر قاتارلىقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىلدى، 2023-يىلى مەركىزىي شەھەر رايونىدا 516 مىڭ 900 كىۋادرات مېتىر يېشىللىق كۆپەيدى؛ سۇ چىقىرىش، ھۆلچىلىكتىن ساقلىنىش ۋە يامغۇر سۈيى، يۇندىنى ئايرىش قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، شەھەرنىڭ «قىل قان تومۇر»لىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش ئوتتۇرا لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۇ مەنبەسىنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «سۈزۈك سۇلارنىڭ مەڭگۈ شىمالغا قاراپ ئېقىپ تۇرۇشى»غا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

      كۈن غەربكە پاتقاندا، شەھەر ئاھالىسى لى چاڭشۇن نەۋرىسىنى ئېلىپ كېلىشكىنى بويىچە بۇ يەرگە كەلدى. ئۇ كونا دوستلىرى بىلەن بەدەن چېنىقتۇردى، كىچىك نەۋرىسى سىيرىلما تاختىلىق ئۆسمۈرگە ئايلاندى. ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى ۋاسكېتبول مەيدانىدا، تىكتاك توپ ئۈستىلى يېنىدا كەسكىن مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلدى...

      «خەنجياڭ دەرياسى بويى، بەخت باغچىسى.» - لى چاڭشۈن كۈلۈپ تۇرۇپ،-«بۇنداق كۈنلەر، راھەت»، دېدى.

      مەنبە: خەلق تورى