[سىن]  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئالدامچىلىق قىلتىقىدىن ھوشيار بولۇڭ 

人民网 2024年06月18日 13:28

      ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئالدامچىلىق قىلتىقىدىن ھوشيار بولۇڭ

      مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشتى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئارام ئېلىپ كەيپىياتىنى ياخشىلاۋاتقان مەزگىلدە، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدىن پايدىلىنىپ قۇرغان ئالدامچىلىق قىلتىقىدىن ھوشيار بولۇشى كېرەك.

      قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا ـ ئانىلارنىڭ تەخىرسىزلىك پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئائىلە باشلىقلىرى توپى، يانفون قىسقا ئۇچۇرى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق «نومۇرنى ئالدىن تەكشۈرۈش» دېگەن ساختا ئېلان ئۇلانمىسىنى يوللاپ ئالدامچىلىق قىلىدۇ، ئۇلانمىنى چېكىپ كىرگەن ھامان، مۇما ۋىرۇسى ئاپتوماتىك ھالدا يانفونغا ئۇلىنىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ياكى ئاتا ـ ئانىلارنىڭ يانفونىغا باغلانغان بانكا كارتىسى ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى ئوغرىلايدۇ.

      بۇنىڭدىن سىرت، بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار يەنە «يەرلىك تەربىيەلەشكە ھاۋالە قىلغان ئوقۇغۇچى»، «ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى» قوبۇل قىلىش قاتارلىق نىقابلارنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئورگان ياكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تارماقلىرىنىڭ خادىمى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، مائارىپ تارماقلىرى ئوقۇش تارىخىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىردەك خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ، دەپ ۋەدە بېرىپ ئالدامچىلىق قىلىدۇ. يەنە بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار «ئۆزىنى ئالاھىدە مۇناسىۋىتىم بار»، «ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نومۇرى يەتمىسە، پۇل خەجلەشنى خالىسىلا قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ» دەپ ۋەدە بېرىپ، پۇل-مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.

      ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارغا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان تور ئادرېسى ئۇلانمىسىنى چەكمەسلىكنى ئەسكەرتىمىز. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نەتىجىسى، ئارزۇ تولدۇرۇش، قوبۇل قىلىش ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى سۈرۈشتۈرگەندە، چوقۇم شۇ جايدىكى مائارىپ تارماقلىرى ئېلان قىلغان ئۇسۇل بويىچە سۈرۈشتۈرۈش ۋە تولدۇرۇش كېرەك.

      مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ