شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

人民网 2024年07月04日 10:21

      شۇ جاي ۋاقتى 7 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. توقايېف شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ توقايېفنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى

      شۇ جاي ۋاقتى 7 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشما باياناتى»نى ئورتاق ئىمزالىدى ھەم ئىقتىساد ـ سودا، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئاۋىياتسىيە ـ ئالەم قاتنىشى، مائارىپ، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى نەچچە ئون تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

      شۇ جاي ۋاقتى 7 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

      شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە يېتىپ كەلگەندە، زۇڭتۇڭ توقايېف قىزغىن كۈتۈۋالدى. قازاقىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئالتە ئۇرۇش ئايروپىلانى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقىغا سىمۋول قىلىنغان قىزىل، سېرىق رەڭلىك تۈتەك چىقىرىپ، ئەڭ ئالىي قائىدە ـ يوسۇن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قارشى ئالدى.

      توقايېف شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

      زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى زالى ھەيۋەتلىك بولۇپ، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى مەردانە قىياپەتتە قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇراتتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا قارشى تەرەپنىڭ ھەمراھ بولۇپ كەلگەن خادىملىرى بىلەن بىر ـ بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ سالاملاشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ۋە قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ توقايېفنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى.

      قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى كىچىك دائىرىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

      شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر، مەن زۇڭتۇڭ توقايېف بىلەن شىئەن ۋە بېيجىڭدا ئىككى قېتىم ئۇچرىشىپ، جۇڭگو ـ قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا يېڭى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭى پىلان تۈزۈپ، جۇڭگو ـ قازاقىستان مۇناسىۋىتى «ئالتۇن 30 يىلى»نىڭ تېز راۋاجلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق. جۇڭگو تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگو ـ قازاقىستان مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ كەلدى، قازاقىستاننى جۇڭگونىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدىنقى يۆنىلىش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قارايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو ـ قازاقىستان مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش ئارزۇسى ۋە ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، مەلۇم ۋاقىت، مەلۇم ئىش ياكى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگو قازاقىستان تەرەپنىڭ مەڭگۈ قەدىرلىشىگە ۋە ئىشىنىشىگە ئەرزىيدىغان ياخشى قوشنىسى، ياخشى ھەمراھى. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان تەرەپ بىلەن تەبىئىي گاز قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يورۇقلۇق ۋولت، شامال ئېلېكتىر قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىسىنىڭ قازاقىستانغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشىغا مەدەت بېرىپ، قازاقىستان تەرەپنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

      توقايېف مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى قازاقىستان ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو قازاقىستاننىڭ دوستانە قوشنىسى، يېقىن دوستى ۋە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى، قازاقىستان ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى مۇستەھكەم ئىناق قوشنا بولۇش، دوستانە ئۆتۈش ۋە قەتئىي ئۆزئارا قوللاشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، مىسلىسىز ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىپ، سودا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، قېزىلما بايلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت ياراتتى، بۇنى دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ. قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن ھەر تەرەپلىمە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تەبرىكلەيدۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا جەزمەن يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قېزىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ قازاقىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي زەربە بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدۇ.

      ئارقىدىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى كەڭ دائىرىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

      شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ قازاقىستان دوستلۇقى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن قەدىمىي يىپەك يولىدا يىلتىز تارتتى، شۇنداقلا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 32 يىلدىن بۇيانقى ھەمكارلىقنىڭ جۇغلانمىسى ئارقىلىق، مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە يەتتى، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش، بىر ـ بىرىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئىشىنىش، بەخت ـ سائادەتتىمۇ، جەبىر ـ جاپادىمۇ بىللە بولۇش جۇڭگو ـ قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى بولۇپ قالدى. مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو ـ قازاقىستان دوستلۇقىنى قوغداش ئەسلىي مەقسىتى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىش قەتئىي ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، ھەرقايسىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ مول ئىچكى خاس مەزمۇن ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان جۇڭگو ـ قازاقىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

      شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ـ قازاقىستان ئىككى دۆلەت ئۆزلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرماقتا، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان تەرەپ بىلەن ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كەلگۈسىدە ئىككى تەرەپ سودا سوممىسىنى بىر قاتلاشنى بالدۇر ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى نىشانىنى بېكىتىپ، قازاقىستاننىڭ ئەلا سۈپەتلىك تاۋارلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى كۆلىمىنى زورايتىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىپ، توكلۇق ئاپتوموبىل، يېڭى ئېنېرگىيە، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، سۈنئىي ھەمراھ خەۋەرلىشىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان تەرەپ بىلەن كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان خەلقئارا تىرانسپورت لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ مەنبەلىك، ئىستېرېئولۇق تۇتاشتۇرۇش ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ كېلەر يىلى قازاقىستاندا «جۇڭگو ساياھەت يىلى» ئۆتكۈزۈشنى قوللاپ، قازاقىستاندا لۇبەن ھۈنەرخانىسىدىن يەنە بىرنى ئېچىشنى قارار قىلدى. تۈنۈگۈن مەن ئايروپورتتا قازاقىستان ئۆسمۈرلىرىنىڭ «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق ناخشىنى جۇڭگو تىلىدا ئۆلچەملىك، راۋان ئېيتقانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى تەسىرلەندىم. ياشلار جۇڭگو ـ قازاقىستان ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستلۇقىنىڭ ۋارىسلىق قىلغۇچىسى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مەدەنىيەت مەركىزى ۋە بېيجىڭ تىل داشۆسى قازاقىستان شۆبىسىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ، بولۇپمۇ ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا يېقىن ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنىڭ جەمئىيەت خەلق رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.

      شى جىنپىڭ قازاقىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى، قازاقىستان تەرەپ مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن ئاستانا باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاستانا باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ، جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان قاتارلىق ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ زىچ بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان تەرەپنىڭ كېلەر يىلى 2 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، قازاقىستان تەرەپ قاتارلىق ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك تەشكىلاتلار رامكىسى ئىچىدە قويۇق ھەمكارلىشىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەت ھەم كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

      توقايېف مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى قازاقىستان ـ جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ بىردەك يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قازاقىستان ـ جۇڭگو مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ھەم ئۇنىڭغا بولغان كۈچلۈك ئارزۇسىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئۇزاق يىللارنى ھالقىغان مۇستەھكەم دوستلۇقى بار، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە يېتەكچىلىكىدە، قازاقىستان ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى يېڭى «ئالتۇن دەۋر»گە قەدەم قويدى، ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭ ـ چوڭ ھەمكارلىق تۈرلىرى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېشىل ئېنېرگىيە، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا پائال نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. قازاقىستان بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە ھەمراھى. جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قازاقىستان تەرەپنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئالدىن تاللىشى. قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو چىڭ تۇرىدىغان تىنچلىق دىپلوماتىيە ئىدىيەسى ھەم رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار يەرشارىۋى تەشەببۇسلارنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، قازاقىستان ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىكى مۇھىم نەتىجىلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى سىجىل، يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىككى تەرەپ سودا سوممىسىنى بىر قاتلاش نىشانىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، ئىقتىساد ـ سودا، يېڭى ئېنېرگىيە، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، توكلۇق ئاپتوموبىل قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان خەلقئارا تىرانسپورت لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. قازاقىستان تەرەپ قازاقىستان ـ جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزى ۋە لۇبەن ھۈنەرخانىسى تەسىس قىلىپ، كېلەر يىلىدىكى «جۇڭگو ساياھەت يىلى»نى پائال ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھەمكارلىقى ۋە مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى قارشى ئالىدۇ. قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە ماسلىشىش ـ ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرىدۇ.

      سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشما باياناتى»نى ئورتاق ئىمزالىدى ھەم ئىقتىساد ـ سودا، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئاۋىياتسىيە ـ ئالەم قاتنىشى، مائارىپ، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى نەچچە ئون تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

      شۇ كۈنى چۈشتە، شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ توقايېف ئۆتكۈزگەن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.

      سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.