مائارىپ، ئوقۇتۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز پائالىيەتلەرنى مەكتەپكە خالىغانچە كىرگۈزۈش مەركەزلىك تۈزىتىلىدۇ

人民网 2024年05月07日 21:24

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائارىپ،ئوقۇتۇشتىن باشقا يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش ئۈچۈن مەركەز مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ كاتىبات گۇرۇپپىسى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنى مەكتەپكە كىرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.
      ئۇقتۇرۇشتا مەخسۇس تۈزەشنىڭ دائىرىسى ۋە نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. مائارىپ-ئوقۇتۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز پائالىيەت ۋە خىزمەتلەرنىڭ خالىغانچە مەكتەپكە كىرىش ئەھۋالى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئىشلارنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش جەريانىدىكى ئىز قالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بەرمەسلىكتەك شەكىلۋازلىقنى مەركەزلىك تەرتىپكە سېلىپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنى مەكتەپكە كىرگۈزۈشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق مائارىپ، ئوقۇتۇشنىڭ ياخشى مۇھىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
      ئۇقتۇرۇشتا تۆت تۈرلۈك ئاساسلىق ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرىنچى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىجتىمائىي ئىشلارنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش ئەھۋالىنى سىستېمىلىق تەكشۈرۈپ، ئىجازەت ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، مەسىلىلەرنى تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، ئىجتىمائىي ئىشلارنى مەكتەپكە كىرگۈزۈشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، ئاق تىزىملىكنى ئورنىتىش ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىجتىمائىي ئىشلارنى مەكتەپكە كىرگۈزۈشنىڭ كونكرېت لايىھەسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن تەرتىپكە سېلىپ، پائالىيەت دائىرىسى ۋە ۋاقتىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، مەكتەپكە كىرگۈزۈلگەن پائالىيەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، تەكشۈرۈش، ئۇقتۇرۇش قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىشلارنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش خىزمىتىنى دائىملىق قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.
      ئۇقتۇرۇشتا جايلارنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنى مەكتەپكە كىرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇشنى مائارىپ سىستېمىسىنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى مۇھىم خىزمەت قىلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر، ئەمەلىي بولۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئارقىلىق مەخسۇس تۈزەش ئۈنۈمىنى سىناش تەلەپ قىلىندى.
      كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
      مەنبە: خەلق تورى

      مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ