دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى جاكارلىدى:
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن كامبودژانىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق مىنىستىرى سۇڭ جىندا 23-مايدىن 25-مايغىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بىرازىلىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئالاھىدە باش مەسلىھەتچىسى ئامولىن 22-مايدىن 29-مايغىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مالايشىيانىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە يېزا-كەنت ۋە رايونلار ئارا تەرەققىيات مىنىستىرى زاھىد 22-مايدىن 1-ئىيۇنغىچە جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ