ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىمىز! چېگرادىن كىرىشكە بولمايدۇ! دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

人民网 2024年05月22日 13:05

      دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ سابىق ئەزاسى گاللاگېرغا قارشى تەدبىر قوللىنىش توغرىسىدىكى قارارنى ئېلان قىلدى. قاراردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئامېرىكا ۋىسكونسىن ئىشتاتى فېدېراتسىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق ئەزاسى مايك گالالگېر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ، بىرمۇنچە ھەرىكەتلەردە بولدى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلنىڭ جازاسىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ 3-، 4-، 6-،9-، 15- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، جۇڭگو تەرەپ گاللاگېرغا تۆۋەندىكىدەك قارشى تەدبىر قوللىنىشنى قارار قىلدى: 1.دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدىكى كۆچمە مۈلكى، مۇقىم مۈلكى ۋە باشقا تۈرلۈك مال-مۈلكى توڭلىتىلىدۇ؛ 2.دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدىكى تەشكىلات، شەخسلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك سودا، ھەمكارلىق قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى مەنئى قىلىنىدۇ؛ 3.ئۇنىڭغا ۋىزا بېرىلمەيدۇ، چېگرادىن كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. بۇ قارار 2024-يىل 5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.
        مەنبە: خەلق تورى

      مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ