شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ سىليانوۋسكا - داۋكوۋانىڭ شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى

人民网 2024年05月23日 09:09

      يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گوردانا سىليانوۋسكا - داۋكوۋاغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ شىمالىي ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
      شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، نەتىجىلىرى خەلق ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزدى. مەن جۇڭگونىڭ شىمالىي ماكېدونىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ خانىم بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو بىلەن شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

      مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ