تەسىس قىلىش ماقۇللاندى! ئاپتونوم رايونىمىزدا تولۇق كۇرۇس ئالىي مەكتىپىدىن ئىككىسى كۆپەيتىلىدۇ

人民网 2024年05月16日 14:45

      «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي مائارىپ قانۇنى»، «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى تەسىس قىلىش ۋاقىتلىق نىزامى»، «ئادەتتىكى تولۇق كۇرس مەكتەپلىرىنى تەسىس قىلىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»، «تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى كەسپىي مەكتەپلەرنى تەسىس قىلىش ئۆلچىمى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان)» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ۋە 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنى باھالاش كومىتېتى تەسىس قىلىشنى تەكشۈرۈپ باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنىدا قاراپ چىقىش ئارقىلىق، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داشۆسى قاتارلىق 24 مەكتەپ قۇرۇشقا قوشۇلدى، ھازىر ئېلان قىلىندى. ئاشكارا ئۇقتۇرۇش ۋاقتى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە بولىدۇ.
      بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا داشۆسىنى تەسىس قىلىش ماقۇللاندى
        مەنبە: خەلق تورى

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ