3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەشتە پۈتۈن جەرياندا توردا بېجىرىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى

人民网 2024年06月02日 23:21

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2024-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇشنىڭ پۈتۈن مۇساپىسىگە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنىڭ قاتنىشىشى ھاجەتسىز بولۇپ، ھەممىسىنى ئارمىيە بىلەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇپ تاماملايدىكەن.
      5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى «مەركەزدىن مەركەزگە تۇتاشقان» ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش سانلىق مەلۇماتىنى ئاپتونوم رايونىمىزغا تارقىتىپ بەردى. ئىككىنچى كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىز سانلىق مەلۇمات تارقىتىش، ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنىنى يۆتكەپ بېكىتىش، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تاماملىدى، بۇ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەشنى تورلاشتۇرۇپ بېجىرىشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا يولغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
      ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يۆتكەش سۇپىسى ئەۋەتكەن ئەسكەرتمە قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالىدۇ، شۇنداقلا «شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت» (新疆智慧人社) يانفون ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەت خاتىرىسى ئەھۋالىنى كۆرسىمۇ بولىدۇ. 2024-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر يۇقىرىقى ئەندىزىلەرگە ماس كەلمەيدۇ، يەنىلا ئەسلىدىكى ئەندىزىدە يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.
      كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، قولايلىق بېجىرىش مۇلازىمىتى ئارقىلىق ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنىڭ ۋاقتىدا، ئوڭۇشلۇق ئۇلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
      كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
      مەنبە: خەلق تورى

      مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ