مۇھىم خەۋەرلەر
- لى چياڭ ياپونىيەنىڭ ئىشىكاۋا ناھىيەسىدە يەر …[2024年01月04日09:41]
- دىڭ شۆشياڭ بېيجىڭدا مەملىكەتلىك 5-قېتىملىق ئ…[2024年01月04日09:41]
- مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈملىرى باشلىقلىرى يى…[2024年01月04日09:40]
- پەيتنى قولدىن بەرمەي، جاسارەتلىك ـ ياراملىق …[2024年01月04日09:40]
- جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنى…[2024年01月03日15:07]
- جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆزئ…[2024年01月02日15:54]
- دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2024 ـ يىللىق يېڭى يى…[2024年01月02日10:48]
- مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا …[2023年12月29日10:24]
- مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ …[2023年12月29日10:23]
- مەملىكەت بويىچە يولداش ماۋ زېدۇڭ تۇغۇلغانلىق…[2023年12月29日10:21]
مائارىپ مىنىستىرلىقى: «سەييارە ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش» قاتارلىق ناملار بىلەن شەكلى ئۆزگەرگەن بەلگىلىمىگە خىلاپ تەربىيەلەشكە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك
2024.01.05 13:51 مەنبە: خەلق تورى
مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2024-يىللىق قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەشنى تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇردى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: نازارەت قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش بەلگىلىمىگە خىلاپ تەربىيەلەشنى قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەك. جايلار مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەشنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. ئادىل، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. «تۆتنى قىلماسلىق، ئىككىنى تۈزلەش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، «كۈندىلىك تەكشۈرۈش + كېچىلىك تەكشۈرۈش، بىرلەشمە تەكشۈرۈش + ئارىلاپ تەكشۈرۈش» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تەربىيەلەش كۆپ يۈز بېرىدىغان سودا بىناسى، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇنلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ مېھمانساراي، قەھۋەخانا، ئاھالىلەر بىناسى قاتارلىق سورۇنلارغا يوشۇرۇنۇۋېلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پەن تۈرى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشنى قاتتىق توسۇش كېرەك. نۇقتىلىق ئاپپارات ۋە خادىملارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تورلاشتۇرۇپ ئۇنىۋېرسال تۈزەش سىستېمىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «ئائىلە مۇلازىمىتى»، «شەخسىي ئوقۇتۇش»، «ساياھەت، تەتقىقات ئۆگىنىشى»، «قىشلىق لاگېر» قاتارلىق ناملار بىلەن شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا بەلگىلىمىگە خىلاپ تەربىيەلەشكە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ