بارلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر مەكتەپتىكى بوزەك قىلىشنى تولۇق تەكشۈرۈپ چىقىدۇ

人民网 2024年05月07日 21:23

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقى گۇڭئەن مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مەملىكەتلىك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر، يەسلىلەرنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتى سىنلىق يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، جايلارنىڭ دىققەتنى مۇھىم ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك خىزمىتىنىڭ نۇقتىلىق ساھەلىرىنى تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى:
      پسىخىكا ساغلاملىقى مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك
      «بەش تەربىيەنى تەڭ تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى ئازايتىش» خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسىخىكا ساغلاملىقىنى كۆزىتىش ۋە ئالدىن مەلۇمات بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دوختۇرخانا بىلەن مەكتەپلەرنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. قاتلاملارغا بۆلۈپ تۈرگە ئايرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسىخىكا ساغلاملىقى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىقات، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ھەممە ئادەم پسىخىكىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھەممە ئادەم ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان» ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.
      ئوقۇغۇچىلارنى بوزەك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك
      بارلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە قارىتا بىر قېتىم تولۇق، چوڭ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئاتا-ئانىلارغا يۈزلىنىپ قەرەللىك ھالدا قانۇنچىللىق تەربىيەسى، ئوقۇغۇچىلارنى بوزەك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس تېمىسىدىكى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. مائارىپتىكى جازالاش، ئاگاھلاندۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
      «مەكتەپنى قوغداش، يەسلىنى بىخەتەر قىلىش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك
      يېزا مەكتەپلىرى ۋە ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بىخەتەرلىك ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك. تۇرالغۇ ۋە قۇرۇلۇش، ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مەكتەپ بىنالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تەرتىپكە سېلىش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ، «ئوقۇتۇشنى ئاسراش ئىش ئورنى» مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «يۇقىرى پەللىدىكى ۋەزىپە» تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ ئەتراپىدىكى تىجارەت سورۇنلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپكە، ئوقۇغۇچىلارغا چېتىلىدىغان زىددىيەت، ماجرالارنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، مەكتەپ ئەتراپىنى تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك.
      سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك
      تۈرلۈك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى يۇقىرى چاستوتىلىق، تولۇق قاپلاش كېرەك. سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرلەشمە تىزگىنلەش مېخانىزمى ۋە دەريا-كۆل باشلىقى مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سۇ رايونىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. شارائىتى بار جايلاردا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يۈزلىنىپ سۇ ئۈزۈش تەربىيەسى ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆزئارا قۇتقۇزۇش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەر، قولايلىق، قېلىپلاشقان سۇغا يېقىن مۇھىت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
      قاتناش بىخەتەرلىكىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك
      قاتناش بىخەتەرلىكى تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. مەخسۇس مەكتەپ ئاپتوبۇسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆز يېرىگە قاراپ ئىش كۆرۈپ ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇسلاشقان ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەكتەپ ئاپتوبۇسى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىپ-ئەكىلىش ئاپتوموبىللىرىنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. گۇڭئەن قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ماسلىشىپ، مەكتەپ ئەتراپىدىكى يول قاتناش بىخەتەرلىكى ئەسلىھەلىرى ۋە باشقۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى ئومۇميۈزلۈك مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپ دەرۋازىسى ۋە ئەتراپتىكى قاتناش تەرتىپىنى ئورتاق قوغداش كېرەك.
      كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
      مەنبە: خەلق تورى

      مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ