جىنايەتچى ما چېڭغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى!

人民网 2024年05月16日 14:48

      2024-يىل 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، چىڭخەي ئۆلكىسى خەينەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى چۈشۈرگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش بۇيرۇقىغا بىنائەن، «7-ئاۋغۇست» رىيۆشەندە جەسەت كۆمۈش دېلوسىدىكى جىنايەتچى ما چېڭغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلدى، خەينەن ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ئادەم ئەۋەتىپ نەق مەيداندا نازارەت قىلدى. 2020-يىل 10-ئاينىڭ 30-كۈنى خەينەن ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قارا جەمئىيەت خاراكتېرىدىكى تەشكىلات تەشكىللەش، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 12 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۈچ يىل مەھرۇم قىلدى، قوشۇمچە بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى؛ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى؛ قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى؛ ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، قوشۇمچە 400 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى؛ قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، قوشۇمچە 500 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى؛ قانۇنسىز قاماپ قويۇش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى؛ سودىدا زورلاش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك ئىككى يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى، قوشۇمچە 200 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى. قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى؛ قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى؛ قوش ئۆيلىنىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى. بىرنەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاپ، ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش، قوشۇمچە بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش قارار قىلىندى.
      ما چېڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنغاندىن كېيىن، چىڭخەي ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەسلىي ھۆكۈمنى ساقلاپ قېلىپ، ما چېڭغا جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەش ھەمدە قانۇن بويىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا قاراپ چىقىش ئارقىلىق،بىرىنچى سوت ھۆكۈمى،ئىككىنچى سوت ھۆكۈمىدە بېكىتىلگەن ما چېڭنىڭ ئاساسلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق، جىنايەت بېكىتىش توغرا، جازا ئۆلچەش مۇۋاپىق، دەپ قارىدى. سوت قىلىش تەرتىپى قانۇنلۇق. ما چېڭغا قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى.
      خەينەن ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشتىن بۇرۇن، ما چېڭنى يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىنىدىغان جىنايەتچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلدى.
        مەنبە: خەلق تورى

      مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ