مۇھىم خەۋەرلەر

مۇھىم ئۇقتۇرۇش! بەش تارماق بىرلىشىپ ئېلان قىلدى!

2024.05.17 15:19 مەنبە: خەلق تورى

  5-ئاينىڭ 15-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش تارماق بىرلىكتە 2024-يىللىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش، ناھىيە تەۋەسىدىكى توك قاچىلاش، توك ئالماشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش قاتارلىق قوللاش سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

  2024-يىلى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى «يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، بىخەتەر ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىپ، يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش» بولۇپ، پائالىيەت ۋاقتى 2024-يىل 5-ئايدىن 12-ئايغىچە بولىدۇ. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا بازارلىرىغا ماس كېلىدىغان، نامى بىرقەدەر ياخشى، سۈپىتى ئىشەنچلىك يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تىپىنى تاللاپ، مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىش، سىناپ ئولتۇرۇش، سىناپ ھەيدەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمال تەسىراتىنى موللاشتۇرۇپ، كۆپ خىل تاللاش بىلەن تەمىنلەش كېرەك. توك قاچىلاش، توك ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى سۇغۇرتىلاش، تۆلەم بېرىش، كىرېدىت قاتارلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ۋە رېمونت قىلىش قاتارلىق سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈشكە تەشكىللەپ، يېزا رايونلىرىنىڭ يانداش مۇھىتىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش كېرەك.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتى 2020-يىلى باشلانغاندىن بۇيان، جەمئىي ئالتە تۈركۈم يېزىلارغا يەتكۈزۈلىدىغان ئاپتوموبىل تىپى مۇندەرىجىسى تىزىملىكى ئېلان قىلىنىپ،17 مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن، ئالاقىدار ئاپتوموبىل تىپىدىن 4 مىليوندىن كۆپرەكى سېتىلغان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ