شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ بېيجىڭ شەھىرى بادالىڭ سەددىچىن سېپىلى ئېتىكىدىكى يۇرتداشلارنى ئىلھاملاندۇردى

​تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ سەددىچىن سېپىلىنى چۈشىنىشى، سەددىچىن سېپىلىنى قوغدىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەجدادلار قالدۇرغان بۇ قىممەتلىك بايلىقنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك

2024.05.16 09:13 مەنبە: خەلق تورى

  جاۋاب خەت

  بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يەنچىڭ رايونى بادالىڭ بازىرى شىشيا كەنتىدىكى يۇرتداشلار:

  ياخشىمۇسىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇم. مۇشۇ يىللاردا سىلەر ئۆزلۈكىڭلاردىن سەددىچىن سېپىلىنى قوغدىدىڭلار، سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلدىڭلار ھەم سەددىچىن سېپىلى بايلىقىغا تايىنىپ بېيىش يولىغا ماڭدىڭلار، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

  سەددىچىن سېپىلى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك بەلگىسى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم سىمۋولى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان كۈرەش قىلىش روھى ۋە ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان، قەتئىي تەۋرەنمەس ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. بۇ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسىنى ياخشى قوغداش، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش بىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز. كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يۇرت - ماكانىنى قوغدىغانغا ئوخشاش سەددىچىن سېپىلىنى ياخشى قوغداپ، سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سەددىچىن سېپىلى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ سەددىچىن سېپىلىنى چۈشىنىشى، سەددىچىن سېپىلىنى قوغدىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەجدادلار قالدۇرغان بۇ قىممەتلىك بايلىقنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن!

  شى جىنپىڭ

  2024 - يىلى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى)

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يەنچىڭ رايونى بادالىڭ بازىرى شىشيا كەنتىدىكى يۇرتداشلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ھەم سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: مۇشۇ يىللاردا سىلەر ئۆزلۈكىڭلاردىن سەددىچىن سېپىلىنى قوغدىدىڭلار، سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلدىڭلار ھەم سەددىچىن سېپىلى بايلىقىغا تايىنىپ بېيىش يولىغا ماڭدىڭلار، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سەددىچىن سېپىلى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك بەلگىسى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم سىمۋولى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان كۈرەش قىلىش روھى ۋە ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان، قەتئىي تەۋرەنمەس ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. بۇ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسىنى ياخشى قوغداش، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش بىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز. كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يۇرت - ماكانىنى قوغدىغانغا ئوخشاش سەددىچىن سېپىلىنى ياخشى قوغداپ، سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سەددىچىن سېپىلى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ سەددىچىن سېپىلىنى چۈشىنىشى، سەددىچىن سېپىلىنى قوغدىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەجدادلار قالدۇرغان بۇ قىممەتلىك بايلىقنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  سەددىچىن سېپىلى دۆلىتىمىزدىكى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت مىراسى. 1984 - يىلى، دېڭ شياۋپىڭ، شى جۇڭشۈن قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار پايتەختتىكى بەزى ئورۇنلار تەشەببۇس قىلغان «جۇڭخۇانى سۆيىمىز، سەددىچىن سېپىلىنى رېمونت قىلىپ قوغدايمىز» تېمىسىدىكى پائالىيەتكە بېغىشلىما يېزىپ بېرىپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ سەددىچىن سېپىلىنى قوغداش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەددىچىن سېپىلىنىڭ مەدەنىيەت قىممىتىنى قېزىش ۋە مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىش - قوغداش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، سەددىچىن سېپىلى دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە تۈرتكە بولدى. يېقىندا، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ بادالىڭ سەددىچىن سېپىلى ئېتىكىدىكى شىشيا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، سەددىچىن سېپىلىنى قوغداش خىزمىتىگە ئۆزلۈكىدىن قاتناشقانلىقى ۋە كەنتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى دوكلات قىلىپ، داۋاملىق تۈردە سەددىچىن سېپىلىنى قوغداش، سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ