شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن جۇڭنەنخەيدە كىچىك دائىرىلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

人民网 2024年05月17日 15:26

      5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭنەنخەيدە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كىچىك دائىرىلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.
      باش ياز مەزگىلىدىكى جۇڭنەنخەي، مەيىن شامال چىقىۋاتاتتى، سۇ يۈزى جىمىرلاپ تۇراتتى.
      شى جىنپىڭ يىڭتەي كۆۋرۈكى ئالدىدا پۇتىننى كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ماڭغاچ پاراڭلىشىپ، شىپاڭ، راۋاقلارنى ئارىلاپ، يېشىللىققا پۈركەنگەن گۈزەل مەنزىرىنى تاماشا قىلدى.
      شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن سۇ بويىدا ئولتۇرۇپ، بىرلىكتە خۇش پۇراق چاي ئىچكەچ، ئازادە كەيپىياتتا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
      شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلدى، يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى. ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى، چوڭ قالايمىقانچىلىق ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ كەلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى يېڭىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتتى. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە ھەم باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
      پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، ھېچقانداق كۈچ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو ۋە «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»دىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ باراۋەر ۋە كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيا قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
      ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى مەسىلىسى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
      شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىزچىل مەيدانى ھەم ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقانداق زور مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ھەم ھادىسىدىن تۈزەش، ھەم ماھىيەتتىن تۈزەش كېرەك؛ ھەم ھازىرنى كۆزلەش، ھەم يىراق كەلگۈسىنى پىلانلاش كېرەك. مەن ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنىڭ يادروسى ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلىش. ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ تەدبىرى تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان يېڭى تىپتىكى خەۋپسىزلىك رامكىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە ـ ئۇكرائىنا ئىككى تەرەپ ئېتىراپ قىلىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر باراۋەر قاتنىشىدىغان، بارلىق لايىھەلەرنى ئادىل مۇھاكىمە قىلىدىغان خەلقئارا تىنچلىق يىغىنىنى دەل ۋاقتىدا ئېچىپ، ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى بالدۇرراق سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى قوللايدۇ، داۋاملىق بۇ جەھەتتە ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
      پۇتىن رۇسىيە تەرەپنىڭ ئالاقىدار قارىشى ۋە مەيدانىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئوبيېكتىپ، ئادىل، تەڭپۇڭ مەيداندا چىڭ تۇرغانلىقىنى تەرىپلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا مۇھىم ئىجابىي رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ. رۇسىيە تەرەپ ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى سىياسىي سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ، سەمىمىيىتىنى نامايان قىلىشنى ھەم بۇ ھەقتە جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاشنى خالايدۇ.
      قاراڭغۇ چۈشۈپ، رەڭگارەڭ چىراغلار چاقنىدى.
      شى جىنپىڭ پۇتىن بىلەن قول ئېلىشىپ خوشلاشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىللاردا، بىز كۆپ قېتىم كۆرۈشتۇق، ھەر قېتىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ھەممىسى سەمىمىي، چوڭقۇر، مول نەتىجىلىك بولدى. مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن داۋاملىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، بىرلىكتە جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ياخشى ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت ـ سائادەت يارىتىپ، دۇنيانىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.
      پۇتىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق بىلدۈردى: ھەر قېتىم رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، پاراڭلاشقاندا، مەن ئىنتايىن خۇشال بولىمەن. بىزنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىمىز ناھايىتى چوڭقۇر، ھەم ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن قويۇق ئالاقىنى داۋاملىق ساقلاپ، بىز ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رۇسىيە ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايمەن.
      سەي چى، ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.