خەن جېڭ 2024- يىللىق دۇنيا سودا سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2024.05.14 16:24 مەنبە: خەلق تورى

  5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بېيجىڭدا 2024 - يىللىق دۇنيا سودا سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىس ئالدىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر جاپا ـ مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن تەرەققىيات پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى سىناققا دۇچ كەلدى، تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن خەۋپ – خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. پەقەت سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغدىغاندىلا، ئاندىن ھەمكارلىق رىشتىسىنى چىڭىتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش تورتىنى چوڭايتقىلى بولىدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىنقىلابى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، دادىل يېڭىلىق يارىتىدىغان تەپەككۇر ۋە تەدبىرلەر ئارقىلىق، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى ساھەلەرنى ئورتاق ئېچىپ، يېڭى ئەندىزە يارىتىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ھەقىقىي كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو دۇنيادىكى 2 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپ يىللاردىن بۇيان دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتىنى %30 ئەتراپىدا ساقلاپ كەلدى. ئىقتىسادى مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىۋاتقان، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو مۇقەررەر ھالدا دۇنيا ئىقتىسادىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ. بىز جۇڭگونىڭ سىجىل تەرەققىيات پۇرسىتىدىن دۇنيا بىلەن تەڭ بەھرىلەندۈرۈشنى خالايمىز، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا داۋاملىق مەبلەغ سېلىپ، جۇڭگودا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، جۇڭگودا پايدا ئېلىشىنى قارشى ئالىمىز.

  دۇنيا سودا سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش باشلىقلار يىغىنىنى جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىق: ئۆزگىرىش جەريانىدىكى تاللاش» بولۇپ، خەلقئارا تەشكىلاتلار، ئىقتىسادىي ئاپپاراتلار، چەت ئەل سودىگەرلەر ئۇيۇشملىرى ۋە دۇنيا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، شۇنداقلا جۇڭگو ۋە چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 750 تىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ