سىلوۋاكىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 15- چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى فىزو شۇ كۈنى بۇ دۆلەتنىڭ ترېنچىن رايونىدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ يارىلانغان.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: فىزو ترېنچىن رايونىدا بىر قېتىملىق ھۆكۈمەت يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، قوراللىق كىشى ئۇنىڭغا نەچچە پاي ئوق ئاتقان. فىزو ئارقىدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان، ئىگىلىنىشىچە ھاياتىغا خەۋپ يەتكەن. ئۇ قوراللىق كىشى بىر ئەر كىشى بولۇپ، باشقىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، سىلوۋاكىيە زۇڭتۇڭى چاپتوۋا بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە فىزونىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ