ئافغانىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 330 دىن ئاشتى

人民网 2024年05月13日 15:48

      بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئاشلىق-پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسى بىلەن ئافغانىستان يەرلىك ئەمەلدارىنىڭ 11 – ماي ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافغانىستاندا 10- ماي كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 330 دىن ئېشىپ كەتكەن.
      تاخار ئۆلكىسىنىڭ ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشنى باشقۇرۇش مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۆلكىدە 20 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 300 دىن ئارتۇق ئۆي كەلكۈندە ۋەيران بولغان، ئېلېكتىر ۋە خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا، بەدەخشان ئۆلكىسى بىلەن گۇر ئۆلكىسىنىڭ ئەمەلدارىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئىككى ئۆلكىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈچ ۋە يەتتە ئادەم كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان.
      3- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، ئافغانىستاننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قاتتىق يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ، كەلكۈن، تاغ گۈمۈرۈلۈش قاتارلىق ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
        مەنبە: خەلق تورى

      مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

      خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

      ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ